ئاپتونوم رايون 2025 - يىللىق چوڭ - چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش - پۈتتۈرۈش ھەم 3 - پەسىللىك نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2025-09-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

70 چوڭ تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلاندى، 56 چوڭ تۈر پۈتتى

ئاپتونوم رايون 2025 - يىللىق چوڭ - چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش - پۈتتۈرۈش ھەم 3 - پەسىللىك نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى

چېن شياۋجياڭ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم ئىش باشلانغان - پۈتكەن تۈرلەرنىڭ قوزغىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، جاڭ جۇ، خوۋ چىجۈن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچىدە 2025 - يىللىق چوڭ - چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش - پۈتتۈرۈش ھەم 3 - پەسىللىك نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم ئىش باشلانغان - پۈتكەن تۈرلەرنىڭ قوزغىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تەبرىك سۆزى قىلدى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ قاتناشتى. جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى خوۋ چىجۈن تەبرىك سۆزى قىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە 70 چوڭ تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلاندى، 56 چوڭ تۈر پۈتتى. يىغىندا، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تاخې نېفىت ئايرىش - خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ نېفىت ئايرىش بىلەن خىمىيە سانائىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، بوغدا كۆلى شەرقىي جۇڭغار كۆمۈردىن يىلىغا 2 مىليارد كۇب مېتىر گاز ئېلىش، G3033 لىنىيەسى كۈيتۈن - مايتاغ - كۇچا تاشيولى، غۇلجا - ئاقسۇ تۆمۈريولى، شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونى قاتارلىق يېڭىدىن ئىش باشلايدىغان بەش تۈر، چاقىلىق ناھىيەسى قارچار فىتورىت كېنى يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا رۇدا تاللاش، شىنجاڭ چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى (چۈشۈرگە چۈشۈرۈپ سۇ ساقلاش)، بەدەل تاشيول پورتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق پۈتكەن ئۈچ تۈرگە مەسئۇل يولداشلار ئەھۋالدىن دوكلات بەردى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر 4 - پەسىلدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز. مەبلەغ سېلىش تۈر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ بالدۇر پۈتۈشى، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىش كېرەك.

خوۋ چىجۈن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان تەرەققىيات يۆنىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، تاخې نېفىت ئايرىش - خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ نېفىت ئايرىش بىلەن خىمىيە سانائىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنى تىرىشىپ ئۈلگە قۇرۇلۇشى، سەرخىل قۇرۇلۇش قىلىپ بەرپا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «15 - بەش يىل»دا شىنجاڭدىكى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە پىلانلاپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش، نېفىت ئايرىش - خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يىن چياڭ سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چۆرىدەپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدە ماكانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھەم 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پۈتۈن ئاپتونوم رايون ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئايرىم - ئايرىم دوكلات قىلدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «يەنە ئاتاكىغا ئۆتۈش» قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاپ، زېھنىي كۈچنى تۈرلەرنى تۇتۇپ تىرەكنى كۈچەيتىش، سودىگەر چاقىرىشنى تۇتۇپ زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈشنى تۇتۇپ مۇھىم ئامىللارنى توپلاش، مۇلازىمەتنى تۇتۇپ مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۇتۇپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى مۇھىم» «ئىككى يېڭى» قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈرلەرنى زاپاس ساقلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن يىللىق مەبلەغ سېلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى. يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى، كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھىدىكى ئالاقىدار يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا پائالىيەتكە قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.