تەدبىر بېكىتىلدى، بايراق تىيانشاننى يېتەكلىدى

2025-09-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (1)

□مۇھەررىردىن

بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقماقتا. بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان» سەھىپىسىنى تەسىس قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقىدەك گۈزەل مەنزىرىنى جانلىق سۈرەتلەپ بېرىدۇ.

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

تۇنجى قۇياش نۇرى تىيانشان تاغ تىزمىلىرىنى سىيپاپ ئۆتكەندە، شىنجاڭنىڭ بىر كۈنى جىمجىت باشلاندى.

ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن يەنە بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى؛

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلەر مىس بۇيۇملارغا كۆڭۈل قويۇپ نەقىش چىقىرىۋاتاتتى؛

ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى قازاق چارۋىچىلار قوي - كالىلىرىنى ھەيدەپ تۆت پەسىللىك چارۋىچىلىق مەيدانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە؛

پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاجىك چېگرا قوغدىغۇچىلار ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ تاغلار ئارىسىدا يۈرۈپ چارلىماقتا؛

تۇرپان - قومۇل ئويمانلىقىدىكى شامال چاقپەلەكلىرى ۋە يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى پاكىز ئېنېرگىيەنى ئۈزلۈكسىز يەتكۈزمەكتە...

70 يىل خۇددى ناخشىغا ئوخشايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۆزىتىش، پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئىگىلەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ يېڭى مەنزىل ئاچتى.

70 يىلدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى. 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بىپايان تۇپراقتا، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلغان، قەدىمىيلىك بىلەن ياشلىق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەت بىر - بىرىگە تايىنىدىغان، تەرتىپ بىلەن ھاياتىي كۈچ تەڭ ھازىرلانغان، ئورتاق گىرەلىشىپ رەڭگارەڭ، گۈللەپ ياشنىغان شىنجاڭنى شەكىللەندۈردى.

ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولماقتا.

ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەش تىيانشانغا يېپيېڭى تۈس قوشتى

شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھ)نىڭ شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرىدىكى سارغىيىپ كەتكەن بىر پارچە سۈرەتكە تارىخنىڭ ۋەزنى مۇجەسسەملەنگەنىدى − پاختەكلى يېزىسىدىكى دېھقانلار رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان جاۋاب خېتىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋالغانىدى، يۇرتداشلارنىڭ چېھرىدە قۇياش نۇرىدەك تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

ئۇ 70 نەچچە يىل ئىلگىرىكى باھار كۈنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قەشقەردىكى يەر ئىسلاھاتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك سىناق نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پاختەكلى يېزىسىدا ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتى داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇلدى.

ئەينى چاغدا ئۆتكۈزۈلگەن يەر ئىسلاھاتى غەلىبىسىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، دېھقانلار ماۋ جۇشىغا شېئىر شەكلىدە خەت يېزىپ، كونا جەمئىيەتتىكى قان - ياشلىرى ۋە يېڭى تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىقلارنى بايان قىلغانىدى.

كېيىن، كۆپچىلىك ماۋ جۇشى ئۆز قولى بىلەن يازغان مۇنداق جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋالدى: «سىلەر پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ فېئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىكىنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد بولدۇڭلار، سىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئىشلەپچىقىرىشتىن مول ھوسۇل ئېلىش شوئارى ئاستىدا تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشۇڭلارنى ياخشىلىشىڭلارنى؛ ھەم مۇشۇ ئاساستا مەدەنىيەت سەۋىيەيىڭلارنى قەدەممۇقەدەم ئۆستۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

70 يىلدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، ئەينى چاغدىكى ئارزۇ پاختەكلى يېزىسىنىڭ مۇنبەت دالىلىرىدىكى ئالتۇن رەڭلىك شال دولقۇنىغا ئايلاندى.

ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، شىنجاڭدا پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. پاختەكلى يېزىسى شال ئۇرۇقىنى چېچىپ تېرىش ئەنئەنىۋى ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى تېخنىكىنى كېڭەيتىپ، يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈپ، پۈتۈن يېزىنىڭ شال ھوسۇلىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، پاختەكلى يېزىسى يىراق - يېقىنغا داڭلىق شال ئىشلەپچىقىرىدىغان جايغا ئايلاندى، بۇ جاينىڭ ئاجىز ئىشقارلىق گۈرۈچى بازاردا قىزغىن ئالقىشلاندى. يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، نامرات، ئارقىدا قالغان قىياپىتى تارىخقا ئايلاندى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان غايەت زور ئۆزگىرىش بارلىققا كەلگەن جاي يالغۇز بۇ بىر جايلا ئەمەس.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراققا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى باشتىن - ئاخىر قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى. تىنچ ئازاد قىلىنىشتىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغىچە، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشقىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ قاقاسلىقتىن ئاۋاتلىققا، نامراتلىقتىن بېيىشقا، بېكىنمىچىلىكتىن ئېچىۋېتىشكە، ئارقىدا قېلىشتىن ئىلغارلىققا قاراپ ئىلگىرىلىدى.

ئوت - چۆپلەر قويۇق ئۆسۈپ، قۇشلار پەرۋاز قىلدى، ھەممە جاي يېشىللىققا پۈركەندى، 2014 - يىلى 4 - ئايدا، يەنە بىر گۈزەل باھار يېتىپ كەلدى. پاختەكلى يېزىسىغا ئون نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتى ئالاھىدە بىر مېھماننى كۈتۈۋالدى.

«2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن ئىبارەت بۇ كۈننى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنتىمىزگە كېلىپ، كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: <مېنىڭ سىلەرنى يوقلاپ كېلىشىم پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان - ئالمىغانلىقى، رولىنى جارى قىلدۇرغان - قىلدۇرمىغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈندۇر>.» ئەينى چاغدىكى مەنزىرە كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ھازىرقىدەك ئېنىق ئېسىدە، «بۇ يىللاردا، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، كەنتىمىزدە زور ئۆزگىرىش بولدى، تۈرلۈك كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك، بەختلىك ئۆتمەكتە».

شۇ يىلى، تۆت كۈنلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش سەپىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر خىزمەتلەرنى ئىگىلەپ ۋە پىلانلاپ، «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

بىر ئايدىن كېيىن، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. شىنجاڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى.

شۇنىڭدىن كېيىن، باش شۇجى كۆپ قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى ئېچىپ شىنجاڭ خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى. 2020 - يىلى 9 - ئايدا، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى»نى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى، شىنجاڭ خىزمىتىنى توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرساقلا، چوقۇم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

ئورتاق مەقسەتنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى

2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرىنىڭ يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدىكى قىزىل ئانار مەدەنىيەت مەيدانىدا، باش شۇجى كەنت ئاھالىلىرىگە «بىز ئانارنىڭ دانىسىدەك» دېگەن سۆزنى قىلغاندا، ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، كەنت ئاھالىلىرى كېلىشىۋالغاندەك جاراڭلىق ئاۋازدا: «زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك!» دەپ جاۋاب بەردى.

ئانار دانىلىرى خۇددى بىر قېلىپتىن چىققاندەك ئوخشاش بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇرغۇن مۇھىم سورۇنلاردا «ئانارنىڭ دانىسى» دېگەن سۆزنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەمسىل قىلدى. 2014 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك.

يۇغۇرۇلۇپ توپلىنىش، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلىشىش − ئانار دانىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قانچە يېقىنلاشقانسېرى، شۇنچە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

2023 - يىلى 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى.

لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىنىڭ ئانار كوچىسىدا ئون نەچچە ئائىلىلىك ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ كەنت ئاھالىسى ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى بەلگە تاختىسىغا تەسىرلىك ھېكايىلەر خاتىرىلەنگەنىدى: تۇرسۇن ئىسمايىل ئائىلىسى 20 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، تاشلىۋېتىلگەن ئاغرىق بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان «خالىس چوڭقۇر مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئائىلىسى»؛ ياسىن مەڭلىك جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەپ سامسا دۇكىنى ئاچقان «ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ئائىلە»؛ ئەخمەت ھەمدۇل ھويلا - ئاران باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتقان «باقمىچىلىق ماھىرى»...

ھەر يىلى باھار بايرىمىدا، بۇ كوچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىرلىكتە ھارپا كېچىسى تامىقى يېيىش ئەنئەنىسى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ئۇلار مەززىلىك تائاملارغا بىرلىكتە ئېغىز تېگىدۇ، ئۆزئارا بەخت تىلەيدۇ، ئانار كوچىسىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ يەنە بىر ئورتاق ۋەدىسى بار: ئىتتىپاق - دوستانە ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئائىلە ئىستىلىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىمىز.

2014 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ داشى كەنتىدىكى بارلىق كەنت ئاھالىلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ھەربىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

بۈگۈنكى داشى كەنتى ھويلا - ئاران ئىگىلىكى، كالا - قوي باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە قىزىل ساياھەت ئېسىل لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قۇرۇپ، يىراق - يېقىنغا داڭلىق ھاللىق كەنت، مەدەنىي كەنت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەنتىگە ئايلاندى.

چۆچەك شەھىرىدە مەيلى چوڭ - كىچىك كوچىلاردا سەيلە قىلغاندا بولسۇن ياكى باغچىلارغا كىرىپ يېشىللىقتىن ھۇزۇرلانغاندا بولسۇن، ھەمىشە ئاككوردىيوننىڭ شوخ، ياڭراق ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ئاككوردىيون چۆچەكنىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىكى ۋاسىتە. ھەر قېتىملىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر يىغىلغاندا، كۆپچىلىك ئاككوردىيونغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ.

بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، بىر تۈرلۈك يېڭى جىننىس دۇنيا رېكورتى چۆچەك شەھىرىدە بارلىققا كەلدى − 5282 كىشى ئاككوردىيوندا بىرلىكتە «مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق مۇزىكىنى ئورۇنلاپ، «ئەڭ چوڭ كۆلەمدە ئاككوردىيوندا بىرلىكتە مۇزىكا ئورۇنلاش» جىننىس دۇنيا رېكورتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك جەڭ ئېلان قىلدى.

«بۇ، مۇزىكا ساھەسىدىكى كاتتا ئىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى نامايان قىلىشتىكى جانلىق ئۈلگە. بۇ قېتىمقى ئىجادىيەت ھەم چۆچەكنىڭ پەخرى، ھەم جۇڭگونىڭ شان - شەرىپى، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيا ئاككوردىيون مەدەنىيىتى تەرەققىياتىدا تىكلەنگەن يېڭى ئۈلگە.» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى خەلقئارا ئاككوردىيون بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مىخايىل پاتارىنى بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بەردى.

كىچىك جەھەتتە بىر ئائىلە، بىر كەنتتىن چوڭ جەھەتتە بىر يېزا - بازار، بىر شەھەرگىچە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىش روھى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى، كۆپچىلىكنىڭ بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىش ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.

كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ شىنجاڭنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن كەلگۈسىگە ئاتلاندى

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىن زور ئۈمىد كۈتتى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇش، كەلگۈسىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتكە قويۇپ تەتقىق قىلىپ ۋە پىلانلاپ، شىنجاڭ ئۈچۈن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بەردى.

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

باش كۈز مەزگىلىدە ھاۋا ئوچۇق ئىدى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى مەشغۇلات مەيدانىدا، پارقىراپ تۇرغان رېلىسلار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي يولنى بويلاپ غەربكە سوزۇلغانىدى، كېشەك كىران ئالدىراش مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقىشقا ھازىرلانغانىدى. بۇ جايدىن يولغا چىقىپ، جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ئىككى كۈندە قازاقىستانغا، سەككىز كۈندە رۇسىيەگە، 16 كۈندە گوللاندىيەگە يېتىپ بارىدۇ، خەلقئارا چوڭ يول تېز ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى.

ئېگىز تاغ، قۇملۇقلاردا، نېفىت - تەبىئىي گاز ۋە ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى سىجىل قوزغىتىلدى؛ بىپايان چۆللۈكتە، شامال گېنېراتورىنىڭ قاناتلىرى ۋە يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر تاختىلىرى شامال، يورۇقلۇق بايلىقىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى؛ يېشىللىققا پۈركەنگەن، كۆز يەتكۈسىز مۇنبەت دالىلار، كەڭ يېزىلاردا گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە نامايان بولدى...

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پائال تۈردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەل يوشۇرۇن كۈچنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدى.

9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پاختا يىغىش ئارقا - ئارقىدىن باشلاندى، ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، قاردەك ئاپئاق پاختىلار يىغىش ماشىنىسىدا ئورىلىپ تايلاندى... بۈگۈنكى شىنجاڭ ئىسمى - جىسمىغا لايىق «جۇڭگو پاختا ئامبىرى»، قەد كۆتۈرۈۋاتقان «غەربىي قىسىم ئاشلىق ئامبىرى»، پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق «مېۋە ماكانى».

قومۇلدا جەمئىي 170 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان دۇنيا بويىچە تۇنجى 2 - ئەۋلاد تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە سۇيۇقلاندۇرۇلغان كۆمۈردىن ماي ئېلىش تۈرى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا؛

خوتەندە قىزىلچاپ قوغۇشۇن، سىنك كېنى، چوڭ يۇلغۇنساي ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كېنىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى؛

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي گىرۋىكىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، ئوت ئېلېكتىر زاپىسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بازىسى تۈرى − «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - لىنىيەسىنىڭ توك مەنبەسى تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى...

قىزغىن كەيپىيات ئەۋج ئالدى، كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. بىر پارچە كۆمۈردىن بىر غوزا پاختىغىچە، بىر تال بۇغدايدىن بىر كىلوۋات توكقىچە، شىنجاڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتىدا زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ - قۇۋۋەت توپلىدى.

يول بويى بېسىپ كەلگەن پۇختا قەدەم ئىزلىرىغا نەزەر سالساق، تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەر تېز سۈرئەتتە بارلىققا كەلدى.

1955 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، GDP ئاران 1 مىليارد 231 مىليون يۈەن ئىدى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، 1985 - يىلى 10 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، 1997 - يىلى 100 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، 2017 - يىلى 1 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، 2024 - يىلى 2 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈش ۋاقتى ئۈزلۈكسىز قىسقاردى.

2024 - يىلى، شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 30 مىڭ يۈەنلىك پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، 30 مىڭ 899 يۈەنگە يېتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەميېنى بارغانسېرى تومپايدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى شېرىن ئۆتمەكتە.

ۋاقىت ئىلگىرىكى ئىشلار سەۋەبىدىن توختاپ قالمايدۇ، دەريالار ئالغا قاراپ ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ. مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، 26 مىليوندىن ئارتۇق تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق كەلگۈسىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، ئەجىر - مېھنىتى ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىدۇ!