− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، شىنجاڭنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
سەمىمىي تاپشۇرۇق ۋەزىنلىك بولدى، تاغ كەبى زور ئۈمىد كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، مەركەز بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى.
كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى مەھكەم، چىڭ كۆزلەيمىز
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولدى، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار بىلەن بىرلىكتە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى.
«بۇ، باش شۇجىنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى بولۇپ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ مىڭفۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، «ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ۋە «ئۇيۇشتۇرۇش»تىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيمىز، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيمىز، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەيمىز، كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن مەخمۇت مۇنداق قارىدى: 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە رول تۇتۇپ يول باشلىشىدا شىنجاڭ تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئامما باش شۇجىدىن مىننەتدار بولدى، قەلبى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تەلپۈندى، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا سىجىل كۈچەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى لىڭخۇي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىدا، شىنجاڭنىڭ ئاياللار ئىشلىرى تۈرلۈك ئىشلار بىلەن بىرلىكتە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى، «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى مەھكەم، چىڭ كۆزلەپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئايالنى تۈرلۈك ئىشلارغا ئاتلىنىپ، قالتىس كىشىلىك ھاياتنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».
ئەمەلىيەتچىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىمىز
«مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك» «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ زور رول ئويناش كېرەك»...
«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.» قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئىقتىسادىي مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى كاڭ شى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بۇرچىنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: «پائال ئىزدىنىپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، داۋاملىق تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئۇنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى <ئېچىۋېتىش ئۈلگىسى> قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىگە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرىمىز».
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خۇنەن ۋۇجياڭ پاي كونترول گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، قوشۇمچە باش لىدىرى شياۋ جىخەي خېلى ئۇزاققىچە ھاياجېنىنى باسالمىدى. «بىز ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان قىياپىتىمىز بىلەن، باشتىن - ئاخىر ئوقەتچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ باشلامچىسى ۋە ئاۋانگارت ئەترىتى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.» شياۋ جىخەي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خاس بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، گۇرۇھىمىز دىققەتنى تىتان ھەم تىتان قېتىشمىسى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تىتان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، جەمئىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە كەڭ قاتنىشىشى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
«پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش بىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى». جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى گۇما بازىرىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، سەيچىمەھەللە كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى لى چۈەنچۇن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، يېزىلارنىڭ خاس بايلىقىغا تايىنىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا ئىگىلىك يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، رەقەملىك تېخنىكىنى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پۇقرالارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىمىز.
ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز
«شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يۆنىلىشنى كۆرسىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇسۇلنى ئۆگەتتى، مەملىكەت بويىچە گۇڭئەن سىستېمىسىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى، خوتەن ۋىلايەتلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك ساقچى باشلىقى نۇربىيە ئابلىكىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى: «ئاساسىي قاتلام گۇڭئەن خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، خىزمەت ئورنۇمغا پائال ئاتلىنىپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن».
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى يەن زېفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: «باشتىن - ئاخىر مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ ئەمەلىيىتىدە، بالىلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمىز».
تەشكىلات تارماقلىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم فۇنكسىيەلىك تارماق، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ياڭ شيەن مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى: «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەشكىلات خىزمىتىدىكى كونكرېت تەدبىرلەرگە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىدە، تەشكىلات خىزمىتىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجىنى تىرىشىپ نامايان قىلىمىز».
بىڭتۇەن − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۈچ. بىڭتۇەن 2 - شى تيېمېنگۇەن شەھىرى 30 - تۇەن باغۋەنچىلىك 3 - ليەنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى يەنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: ليەندۈي بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە بۇرچىنى ئادا قىلىدىغان ئاساسىي بىرلىك، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، بىڭتۇەن خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، «مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت» خاس ماركىسىنى داۋاملىق ياخشى يارىتىپ، ئىشچى - خىزمەتچى ئاممىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلىمىز.
(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، لى جيانى، سى لۇلۇ، جەزىرە نېسىپبېك، سۈي يۈنيەن، يەن شياۋتيەن، گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لياڭ لىخۇا)