مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت پائالىيىتى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر ئۇدۇللىشىش يىغىنى ئېچىلدى

2025-10-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ، جاڭ گۇاڭجۈن سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى «ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق غەربىي قىسىمنى ئېچىشقا كۈچ قوشۇش»نى باش تېما قىلىپ، يۇقىرى قاتلاملىق مۇتەخەسسىسلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مۇتەخەسسىسلەر ئۇدۇللىشىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ گۇاڭجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى ھەم ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى ئايرىم - ئايرىم تونۇشتۇردى. جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى زوۋ شۆشياۋ ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ۋە ھەرقايسى ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، تەشۋىق قىلىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق مۇتەخەسسىسلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىگەنلىكى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، تىرىشىپ باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرماقتا. ھەرقايسى ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، توغرا ۋە ئېنىق كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاڭ گۇاڭجۈن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى «ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق غەربىي قىسىمنى ئېچىشقا كۈچ قوشۇش»نى باش تېما قىلىپ، شىنجاڭغا بېرىپ مەسلىھەت بېرىش، مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چۆرىدەپ، كەسپىي ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەقلىي كۈچ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پائال تۈردە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن ۋېيجۈن قاتناشتى، ۋاڭ لىن رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت مەزگىلىدە، 45 نەپەر ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىس يەتتە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە ئېنېرگىيە كەسپى، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، سۇچىلىق، سانائەت، مەدەنىيەت - ساياھەت، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.