شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۈرۈمچىدە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ جيەنمىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن جاڭ جيەنمىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە. دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاڭ جيەنمىن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تاماكا ساھەسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ تاماكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېن ۋېيجۈن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.