− شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېتەكچى قىلىپ كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچىمىزنى ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش كېرەك. باي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خو جۈن مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 10 مىليون توننىلىق يېشىل كوكسلاشتۇرۇش ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ بازىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، «كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش»نى تۈجۈپىلەشتۈرۈش، «كۆمۈر خىمىيە سانائىتى»نى كۈچەيتىش، «كاربون قويۇپ بېرىش»نى ئەلالاشتۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، كۆمۈرچىلىك كەسپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز؛ يېڭى ماتېرىيال كەسپى توپلانما رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ئالتۇن، مىس، مانگان، مەرمەر تاش، بازالىت تاش قاتارلىق ئەۋزەل بايلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بازالىت تالاسى، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيەلىك باتارېيە قاتارلىق كەسىپلەرنى پائال كىرگۈزۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ يادرولۇق ئېشىش قۇتۇپى بەرپا قىلىمىز؛ «يېزا ئىگىلىكىنى ئالدىنقى ئۇچ، سانائەتنى ئاخىرقى ئۇچ قىلىش»قا چوڭقۇر كۈچەپ، «كۆمۈرنى ئالدىنقى ئۇچ، خىمىيە سانائىتىنى ئاخىرقى ئۇچ قىلىش»تا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، «مەدەنىيەتنى ئالدىنقى ئۇچ، ساياھەتنى ئاخىرقى ئۇچ قىلىش» ئارقىلىق جانلاندۇرۇپ، يېتەكچى كەسىپلەرنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش، خاس كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە خاسلاشتۇرۇش، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى (چۆچەك شەھىرى چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى) پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن ۋېيلۇڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. «ئومۇمىي يىغىندا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» چېن ۋېيلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز؛ تۈرلۈك ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا سودىسى كەسپىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، «يول ئىقتىسادى»دىن «كەسىپ ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىمىز.
ئومۇمي يىغىندا: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يىن شىنلۇ مۇنداق دېدى: ئالتاي ۋىلايىتى ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى تېخنىكىلىق بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاشنى تېزلىتىپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى بەرپا قىلىدۇ؛ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنى يادرو قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپ ئېھتىياجىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
ئومۇمىي يىغىندا: قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا مېڭىپ، جەمئىيەتنىڭ جۇشقۇن ھەم تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چىن نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېتەكچى قىلىپ، بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈجۈپىلىك مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تىرەك بولىدىغان ئاساسىي قاتلام باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىمىز. تۈرلۈك تەشكىلاتلار ۋە ئاممىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، «كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ ئىش قىلىش» كېڭىشىش - مەسلىھەتلىشىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق كېڭىشىش، خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق مەسلىھەتلىشىش، خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق قارار قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنى ئاساسىي بازا قىلغان كەنت(مەھەللە) ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى چوڭ - كىچىك ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىمىز.
ئومۇمىي يىغىندا: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قورغاس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى شۆ يەنمېي مۇنداق بىلدۈردى: قورغاس ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزىلىرىدىكى ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قورغاس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى مەخسۇس «قورغاس تېز بېجىرىش » خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سۇپىسى قۇردى، ھەق تاپشۇرۇش، ئىسپات چىقىرىش قاتارلىق كىچىك ئىشلاردىن كارخانا قۇرۇش، دېھقان ئۆيلىرىنى سېلىپ بېرىش قاتارلىق چوڭ ئىشلارغىچە بولغان 15 تۈرلۈك ئىشنىڭ ھەممىسىنى بارماق ئۇچىدا تاماملىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەقەملەشكەن سۇپا قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «تور + تور سىرتى» ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.
(مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ، رايىدە، سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ جۈنشيۇ، خو زۇشۈەن، خۇ لىجېڭ، كۇڭ تاۋ)