ئەركىن تۇنىياز بايىنغولىن ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشاننى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، كورلا، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، لوپنۇر ناھىيەسى، خېجىڭ ناھىيەسى، كورلا شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى، مەدەنىيەت - ساياھەت، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى خاس بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، «لوپنۇرلۇقلار ھېكايىسى»نى ياخشى سۆزلەپ، ساياھەتچىلەرنى «يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپى بايىنغولىن ئوبلاستلىق شۆبە مەكتىپىدە مۇنداق كۆرسەتتى: دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز تۈرى نەق مەيدانىغا كېلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، مەبلەغنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئىشلىتىش كېرەك؛ لىخۇا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 200 مىليون مېتىر يىرىك توقۇلما تۈرى، جوۋجى رەقەملىك گۈل بېسىش تۈرى، جۇڭتەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 800 مىڭ ئۇرچۇقلۇق دىلۇن يىپ ئېگىرىش تۈرىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: پۇرسەتنى تۇتۇپ، سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ياخشى زىممىگە ئېلىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ئىشىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىنى پائال قوللىنىپ، شىنجاڭ پاختىسىنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز شېنجېن ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ كورلا يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، پىششىقلاش، ئىشلىتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: سىجىل تۈردە تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى يارىتىپ، يېشىل قاتناش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك؛ رۇييۈەن سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى، جياڭجۈن يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، تىيانشان شىنسۇ ئاشلىق زاپاس ساقلاش چەكلىك شىركىتىدە سۈتچىلىك، چۆللۈك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئاشلىقنى يىغىپ ساقلاشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكى - مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى بازىرىنى كېڭەيتىپ، ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى دەل جايىدا ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئاشلىق سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ خېجىڭ ناھىيەلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىدە مۇنداق بىلدۈردى: مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىگە ئېلىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەك؛ تىيانشان پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى بايىنغولىن ئوبلاستلىق چەكلىك شىركىتىدە كارخانىلارنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، ئەركىن تۇنىياز ئېتىز باشلىرى، كارخانا سېخلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىغا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يىل ئاخىرىغا ئىككى ئايلا ۋاقىت قالدى، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، تەھلىل قىلىپ، سانائەت ئىقتىسادى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىغا قارىتا يوشۇرۇن كۈچنى يەنىمۇ قېزىپ، كەمتۈكلۈكلەر، يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا كېسەللىك تۈگۈنىنى دەل جايىدا تېپىپ، تېز يېتىشىۋېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تايانچلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق ۋە «15 - بەش يىل»لىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.