سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك

2025-10-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسى يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە گۇرۇپپىسى (پارتىيە كومىتېتى) پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئورۇنداش، «15 - بەش يىل»لىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر خۇلاسىلىنىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي يۆنىلىشى دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلەندى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۇچ كېلىدىغان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلىنىپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىنىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، ئاساسلىق نىشانى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى، مۇھىم تەدبىرلىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ باش تېمىسى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، دىققەتنى خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىققا ئىگە بىر تۈركۈم سىياسەت - تەدبىرلەرنى كۆپرەك پىلانلاپ يولغا قويۇش كېرەك. ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئون بارماقتا پىيانىنو چېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەر، يېتەرسىزلىكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردە خەلق تۇرمۇشىدىكى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر، خەلقنىڭ ئارزۇسى بويىچە بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىىنىڭ تەلىپى بويىچە مۇھىم ۋەزىپە، مۇھىم ئىسلاھات، مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، مۇقىيات جارمۇقامەت، قەيسەر ئابدۇكېرىم، نيې جۇاڭ، قەيسەر قېيۇم، جىن جىجېن يىغىنغا قاتناشتى.