ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش، ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي پۇختا زىممىگە ئېلىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى جاھىل ئىللەتلەرنى نىشانلىق تۈزەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق تۈرلەرنى تۈزەش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى بېجىرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىزلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ساھە، تارماقلارنىڭ توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاش، ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ نۇقتىلىق تۈرلەرنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاجىز ھالقا، نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ئاممىنى ھېس قىلىش ۋە مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. دائىملىق ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىغا دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، بالدۇرراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، بۇ يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداش ئىنتايىن مۇھىم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، يىللىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، يولغا قويۇش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەر، نۇقتىلىق خىزمەتلەر قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى» بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كۈزلۈك يىغىم، كۈزلۈك تېرىم خىزمىتىنى پۇختا، مۇقىم ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ پاختا ئىشلەپچىقىرىش سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى قانات يايدۇرۇپ، پاختا سۈپىتى ۋە ھوسۇلىنى ماس ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يەم - خەشەكنى زاپاس ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالدىن ياخشى ئىشلەپ، «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك يىرىك پىلان ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قىشلىق ساياھەتنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يول بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، ئالاقىدار تارماقلار پار بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ، بولۇپمۇ قىسمەن كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىلىرىنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈپ، مەسىلە بايقالغان ھامان ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.