ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2025-10-31 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ قومۇل شەھىرى ۋە بىڭتۇەن 13 - شىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى

10 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ قومۇل شەھىرى ۋە بىڭتۇەن 13 - شى شىنشىڭ شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. سۈرەتتە: 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، چېن شياۋجياڭ قومۇل شەھىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، قومۇل، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ قومۇل شەھىرى ۋە بىڭتۇەن 13 - شى شىنشىڭ شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 4 - ئومۇمىي يىغىن روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى.

چېن شياۋجياڭ قومۇل شەھىرىدە قومۇل قوغۇنى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: تۈۋرۈك كەسىپ، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ قومۇلنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ياخشى قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كېرەك؛ زو زۇڭتاڭ سۇمۇرغ سۇپىسى تارىخىي مەدەنىيەت باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم مۇنداق تاپىلىدى: تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك؛ 13 - شى خۇڭشىڭ دوختۇرخانىسىغا كېلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ قومۇل شەھىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە كەلگۈسى بەش يىللىق، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى توغرا ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، مۇھىم ئىستراتېگىيەسى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلمىي پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان قومۇل قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىنچ - ئىناق ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، «شىنجاڭنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارىنى چۇڭچىڭغا كىرگۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى مەھكەم ساقلاپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشقا كۈچەپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، ياڭ خۇڭبىن پائالىيەتكە قاتناشتى.