شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇ زېڭ، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چيەن فېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەن شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىننى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو سىياسىي - قانۇن داشۆسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.
چېن مىڭگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشتا كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كەسىپداشلار بىلەن بىرلىكتە قانۇنچىللىق جەھەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئورتاق تونۇشى ئارقىلىق ھەمكارلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش؛ ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق قىممەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى مۇجەسسەملەش؛ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئورتاق يېتىشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۋىتىنى قوزغىتىش ئارقىلىق، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئادىمىيەت ۋە قانۇنچىللىق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشنى خالايدۇ.
ۋۇ زېڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللىشىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىدۇ، بۇ، تاكامۇللاشقان قانۇن مۇھىتى، تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىشتىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك مېخانىزم ۋە ئەلا سۈپەتلىك قانۇن مۇلازىمىتىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق، قانۇن چىقىرىش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قانۇن مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى ئالماشتۇرۇش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش تەكلىپى بېرىمەن. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىق جەھەتتە سۆھبەتلىشىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ يېپيېڭى يولىنى ئورتاق ئېچىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
چيەن فېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كەسىپداشلار بىلەن بىرلىكتە، قانۇنچىللىق ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق ھەمكارلىقىنىڭ تۈزۈم ئاساسىنى پۇختىلاش؛ كۆپ خىل ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان بولغان قانۇنچىللىق ھەمكارلىقى ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش؛ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، يۇغۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇنچىللىق ئەقىل - پاراسىتى قوشۇشنى خالايدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بەش دۆلەتتىكى 10دىن ئارتۇق داڭلىق ئالىي مەكتەپ، دۆلەت ئىچىدىكى 10دىن ئارتۇق قانۇنشۇناسلىق ئالىي مەكتىپى(فاكۇلتېتى)دىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇنشۇناسلىق مائارىپى ئىتتىپاقى» قۇرۇلدى، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئاقىل ئىدارە قىلىش تۈگۈنى» قوزغىتىلدى ھەمدە 13 ئاساسىي مەقسەت دوكلاتى ئېلان قىلىندى، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇھاكىمە يىغىنى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان خەلقئارا تىجارەت - سودا مۇھىتى ۋە خەلقئارا كېسىم مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.