پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2025-10-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايون بويىچە كادىرلار يىغىنى ئېچىلدى

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايون بويىچە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، سىياسىي سەپەرۋەرلىك كۈچى، ئەمەلىي تۈرتكە بولۇش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، بىزنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تارىخىي ئورۇن، تەرەققىيات مۇھىتى، ئىستراتېگىيەلىك نىشان ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە بولغان تونۇشىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقەررەر ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كېلىدىغان چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئاساسلىق نىشانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئومۇمىي يىغىن روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مەزگىلىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كاللىغا، قەلبكە ئورنىشىغا، چوڭقۇرلىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ۋاقىتنى مەركەزلەشتۈرۈپ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى سىستېمىلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى، پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ تەربىيەلەش كۇرسى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈندىلىك ئۆگىنىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. لېكسىيە سۆزلەش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەش قوشۇنىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ ئوبيېكتلاشقان، قاتلاملىق، ھەمتۈرتكىلىك لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، چوڭقۇر ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك تەشۋىقات يوللىرى ۋە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئاخبارات تاراتقۇلىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەر تەرەپلىمە تەشۋىق قىلىش ۋە خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. تاشقى تەشۋىقات - تونۇشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم، ياخشى بولغان ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى كۈچەيتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى كۈچەپ جانلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، رايون، شەھەر - يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك قۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش، «15 - بەش يىل»نى ئوڭۇشلۇق باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ۋە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان ئۆلكە دەرىجىلىك بىر قىسىم رەھبەرلەر، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى، كارخانىلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.