​پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

2025-11-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى​

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى​

چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلىپ، ئۆگىنىش تەسىراتىنى چوڭقۇر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە، كەلگۈسى بەش يىللىق، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى، قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدىكى تۈپ سىياسىي كاپالەت ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاپ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالدى، يول باشلاپ يۆنىلىش بەلگىلىدى، بۇ مۇقەررەر ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېپيېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشىمىز كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى ۋە مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا قويۇپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھەدىكى ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەش، تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلمىي پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.