پورتلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2025-11-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ ئاقىل پورت قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى قورغاس شەھىرىدە ئېچىلدى

پورتلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، قورغاس، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئاقىل پورت قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى قورغاس شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئاقىل تاموژنا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چېگرا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشتىن ھەمبەھرىلىنىش» توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەركەز شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى، بولۇپمۇ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى تېز بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاقىل پورت قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پورتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۈنسېرى موللىشىپ، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پورتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تىرەك بولىدىغان ئاقىل پورت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقىل پورت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»دىكى تەلەپ بويىچە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتا ھالقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاقىل پورت قۇرۇلۇشى بىلەن ئاقىل شەھەر تەرەققىياتىنى ماس ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن پورت ئاقىل كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئورۇنلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، 5G تورى، نەرسە تورى ئەسلىھەلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېزىش سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش، ئەشيا ئوبوروتىنى ھەرىكەتچان نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش، سودا تولۇق زەنجىرىنى تەكشۈرۈش - سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئۆزگىچە ھالەتلەرنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، سانلىق مەلۇماتتىن ھەمبەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، رەقەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئاقىل مەلۇم قىلىش»نىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پورت، تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش، تۆمۈريول قاتارلىق تارماقلارنىڭ كەسىپلەر بويىچە ماسلىشىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن چېگرا ھالقىغان مەشغۇلات، سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئىسپات بېرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى، ئاپتوموبىل كەسپى قاتارلىق كەسىپلەرنى توپلىنىشقا جەلپ قىلىپ، ئاقىل پورت بىلەن ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، چېگرا ھەمكارلىق رايونى، چېگرا بويىدىكى كەسىپلەر ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن سۇپىلارنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پورتلارنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، رەقەم ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «يەپ - ئىچىش، ئېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىپ ئېلىش»، كارخانىلار، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەردىن قەتئىي مۇداپىئەلىنىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، دۆلەت دەرۋازىسى، پورتلارنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مەبلەغ، يەر، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، خەۋەرلىشىش، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق مۇھىم ئامىللار كاپالىتى ۋە مەدىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاقىل پورت، ئاقىل تاموژنا، ئاقىل چېگرا تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاقىل پورت قۇرۇلۇشى ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، قورغاس، ئالاتاۋ پورتى ۋە ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ ئاقىل پورتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

قەيسەر قېيۇم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.