ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

2025-11-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، مۇھىم ئىستراتېگىيەسى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللارنى يېتەكلەش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاياللارنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۇلارغا كۆيۈنىدىغان، ئاياللار خىزمىتىنى قوللايدىغان قويۇق كەيپىياتنى پائال يارىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ «يۈز يىللىق قوغداش − زىجىنچېڭدىن گۇگۇڭ مۇزېيىغىچە» ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ئىسپاتلاپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ھەم يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىغا ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، سۇ تېجەپ سۇغىرىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق كۈچەپ، ئاشلىق، پاختا ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ئىدىيە ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۇتۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغاش كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە يولغا قويۇپ، يۆنىلىش ۋە يېتەكچىلىكنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن، ئاممىغا يۈزلەنگەن لېكسىيە سۆزلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش ۋە تەتقىق قىلىپ ئىزاھلاشنى ياخشى ئىشلەپ، تاشقى تەشۋىقات - تونۇشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.