چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جىنلياڭ بىلەن كۆرۈشتى

2025-11-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جىنلياڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇۋاتقان مۇھىم پەيتتە، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېقىندىلا 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتنىڭ 15 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق پىلانلىدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىدىكى «بەش چوڭ ئىش»نى ياخشى ئىشلەش، بانكا كەسپىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پۇل مۇئامىلە خەلق ئىگىلىكىنىڭ تومۇرى، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان مۇھىم كۈچ. جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ھۆكۈمەت - بانكا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ئەقلىي جەھەتتىن مەدەت بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە زورايتىشى، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە خاس ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق مەدەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يۈرۈشلۈك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە كۈچ قوشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پۇل مۇئامىلە تىرىكىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاڭ جىنلياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا يەنىمۇ مەدەت بېرىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خاس ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى راۋاجلاندۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، كىرېدىت سېلىنما سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

چېن ۋېيجۈن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.