19 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

2025-11-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​ئەركىن تۇنىياز يەرمەنكە سارىيىنى ئارىلاپ كۆردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 19 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىللە يەرمەنكە سارىيىنى ئارىلاپ كۆردى.

بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسىدە «قار - مۇز يىپەك يولى . ئىللىق قارغا پۈركەنگەن شىنجاڭ» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 1500دىن ئارتۇق كارخانا يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىندى. قازاقىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە دۆلىتى قاتارلىق يەتتە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى يەرمەنكىگە قاتناشتى، بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، خەينەن قاتارلىق 16 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەم بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ئالاقىدار ئورۇنلار يەرمەنكىگە قاتناشتى.

بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسىدە قىشلىق مەدەنىيەت - ساياھەت چوڭ تىپتىكى ئىستېمال پائالىيىتى، تۈرلەرگە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، ساياھەت تاۋارلىرى سودىسى، ساياھەت جابدۇقلىرى ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، قار - مۇز جابدۇقلىرى، قار - مۇز سۈپەتلىك ماركىلىرى، قار - مۇز ئىستېمالىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك تەسىس قىلىنغان، جەمئىي 445 يەرمەنكە ئورنى بار بولۇپ، ئومۇمىي يەرمەنكە كۆلىمى ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسىدىكىدىن ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق يەرمەنكە بولۇپ، كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش، خەلقئارالىشىش، بازارلىشىش ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىندى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى «چوڭ سوۋغىتى» ئېلان قىلىندى، ئەلا سۈپەتلىك قار - مۇز لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرى ۋە بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى قاتارلىقلار 2025 - 2026 - يىللىق قار پەسلىنى قاپلىدى؛ ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون ساياھەت ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلۇپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى كۆۋرۈك بەرپا قىلىندى؛ شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى تەرەققىياتى ھەم قار - مۇز مۇسابىقىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت مەزگىلىدە يەنە كۆپ مەيدان «جەلپكار شىنجاڭ» قىشلىق ساياھەت بايلىقىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەت كوپىراتىپى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت، قار تېيىلىش مەيدانى، مەنزىرە رايونى، ئائىلىۋى مېھمانخانىدىن ئىبارەت بەش چوڭ مەخسۇس تېمىنى چۆرىدەپ سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئىختىساسلىقلار راۋان يولى − مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، قىشلىق مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ھەر تەرەپلىمە قوزغىتىلىدۇ.

شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسى 2006 - يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىدىغان، كەسىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.

ۋاڭ جيەنشىن، مەمتىمىن قادىر، قەيسەر قېيۇم، باتۇ يەرمەنكە سارىيىنى ئارىلاپ كۆرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.