خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۈرۈمچىدە دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى زوۋ لېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن زوۋ لېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمدىلا غەلىبىلىك يېپىلغان پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى. ئومۇمىي يىغىندا، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭ 4 - ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى ۋە مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا قويۇپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتمەكتە. دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئەۋزەللىكىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى پائال كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ راۋاجلاندۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش - قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
زوۋ لېي شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، شىركەتنىڭ شىنجاڭدىكى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىق سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆمۈرنى يېشىل قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېنېرگىيە جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى سىجىل كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، ۋاڭ گاڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.