ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2025-11-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش ۋە چېگرا ساياھىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش ۋە چېگرا ساياھىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى قوغداش - باشقۇرۇش چارىسى (لايىھە)» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلارنىڭ خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقانلارنى مۇكاپاتلاش چارىسى» مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەتنىڭ ۋىزا بېجىرىش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئەلالاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرادىن كىرىش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ چېگرا رايونغا كىرىش - چىقىش رەسمىيىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرى، ئاساسلىق ساياھەتچى مەنبەسى دۆلەتلەر ۋە رايونلار، مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى يېڭىدىن ئېچىش ياكى كۆپەيتىشنى پائال قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى نۇقتىلىق ئايرودۇرۇملارنىڭ ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلانما مۇساپىلىك ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «شىنجاڭ قىشلىق قار - مۇز ساياھىتى» مەخسۇس لىنىيەسىنى ئېچىپ، ئاۋىياتسىيە بىلەن تۆمۈريول، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى، ساياھەت يولۇچى تىرانسپورتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق ئۇلانما مۇساپىلىك ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك دۇنيا مىراسلىرى، تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، دۇنياغا داڭلىق بىر تۈركۈم ساياھەت لىنىيەلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارالىق تەسىر كۈچكە ئىگە بايرام، مۇسابىقىلەرنى سىجىل ئۆتكۈزۈپ، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ساياھىتى، مال سېتىۋېلىش ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ساياھەت بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنىڭ خەلقئارالىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرادىن كىرىپ چىقىم قىلىش ۋە چېگرادىن ئايرىلغاندا باج قايتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. خەلقئارا تارقىتىش يوللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت تەشۋىقاتى، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، قېرىنداش ئۆلكىلەر ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش، چېگرا ساياھىتىنى جانلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قەھرىمانلار - قۇربان بولغانلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، قەھرىمانلار - قۇربان بولغانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تولۇق قېزىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، رەقەملىك كۆرگەزمە سارىيى، تور كىچىك پىروگراممىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پائال پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ قەھرىمانلار - قۇربان بولغانلارنى مەدھىيەلەش، كېيىنكىلەرنى تەربىيەلەشتىكى قىزىل بايلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ماھارەت تەنتەربىيەسى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ يادرولۇق تەركىبىي قىسمى، تەنتەربىيە كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئالاقىدار مۇكاپاتلاش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار قاتارلىقلارنى جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە ئەلا نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. يۈرۈشلەشكەن ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، مۇكاپاتلاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بويىچە ئۆتكەلنى ئىگىلەش تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. سىياسەتنى ياخشى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى تەنتەربىيە ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، كۆپ خىل مەبلەغ سېلىنىدىغان، ئورتاق ئالغا سىلجىتىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.