«ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2025 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە)» قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2025 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە)»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش <ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھات>ىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، ئۇرۇقلۇق ئاساس. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش، ئۇرۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى توپلاش، قوغداش ۋە باھالاش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقچىلىق بازىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكا تىرىكى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش يادرولۇق تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم سورتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، كېڭەيتىپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. سورتلارنى پۈتۈن زەنجىرلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سورتلارنى سىناق قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، سورتلارنى ئىزلاپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، ساختىلىق قىلىش، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ مۇھىم ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولۇش ۋە ئەلا سورتلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىسى مۈلكىنى ئايرىم باشقۇرۇش، تېخنىكا يۆتكەش ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش ۋە ئۇنۋانىنى باھالاپ بېكىتىش، توغرا يۆنىلىشلىك پەن تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ قالدۇق خىراجىتىنى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا مەبلەغ قىلىپ قوشۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھات»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇملۇق خاراكتېرىدىكى زور پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرى ۋە نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋەزىپىلىرىنى يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىق قىلىش، قوللىنىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى، كەسپىي مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، كاپىتالدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ بازار»دىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باشقۇرۇشنى مۇلازىمەتكە سىڭدۈرۈپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ زامانىۋى شەھەر تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە ياردەم بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.