□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ
12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 12 - قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى. يېقىنقى مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش» باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىللىق ئېتىقادىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.
قانۇنچىللىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ باشلىنىشى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش
پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ جېنى.
شىنجاڭ پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇردى.
2018 - يىلى 11 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى قۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىكى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈردى.
يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتتى. ئاپتونوم رايون ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2020 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» «قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى (2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» «قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى (2020 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ، قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش يىغىنى، قانۇن ئىدارە قىلىشنى نازارەت قىلىش، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى، قانۇن ئىدارە قىلىشنى باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق «بىر يىرىك پىلان، ئىككى پىروگرامما»دىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى.
قانۇن ئارقىلىق جاھاننى تىنچلاندۇرۇشتا چىڭ تۇردى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى - ۋەقەسى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىدى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى جەھەتتىكى رازى بولۇش دەرىجىسى ئۇدا بەش يىل %99تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلاپ كەلدى.
«ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىدى. شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن ئۆلكە دەرىجىلىك قاتلامدا مەخسۇس تېمىلىق قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئاچتى، 45 مىڭ نەپەردىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن دائىملىق مەلۇمات بېرىپ، قانۇنچىللىق مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتتى. بەش يىلدا، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى بويىچە 80 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزدى، «قانۇنچىللىق دەرسخانىسى . ھەر ئاينىڭ 9 -، 19 -، 29 - كۈنلىرى جەزمەن سۆزلەش» ھەر مىللەت كادىرلاردىن 5 مىليون 740 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەكنى قاپلىدى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
«نىزام چىقىرىش قانۇنچىللىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق بىلدۈردى: «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يەرلىك نىزام چىقىرىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىشىدا پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى باشتىن - ئاخىر گەۋدىلەندۈرۈش، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇش، دەۋر تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى».
تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، ئامانلىق قۇرۇلۇشى نىزامى، زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەدىن تۈگىتىش نىزامى قاتارلىق نىزاملارنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەشنى پۇختا قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى؛ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرنى قانۇنچىللىقنىڭ قوغدىشىدا دەۋر يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى بازار ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغداشقا تۈرتكە بولدى... 2025 - يىلى 10 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كۈچكە ئىگە يەرلىك نىزام 173، نىزام خاراكتېرلىك قارار - بېكىتمە ۋە چوڭ - چوڭ ئىشلار توغرىسىدىكى قارار - بېكىتمە 54، ھەرقايسى رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەردە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كۈچكە ئىگە يەرلىك نىزام، يەككە نىزام 204 بولۇپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنى قاپلىدى، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە ۋاقىتچانلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
شەكىل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش
«يۇرتداشلار، ئاساسىي قانۇن دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق مال - مۈلكى ۋە يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى مەخسۇس قوغدايدۇ، بىزنىڭ پارنىك تېرىقچىلىقىدىن قىلغان كىرىمىمىز، ھۆددە ئالغان يېرىمىز قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.» 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ يېتىملىقۇم بازىرى تەۋەلىكىدىكى پارنىك تېرىقچىلىق بازىسىدا خەلق ساقچىلىرىنىڭ لېكسىيە سۆزلىگەن ئاۋازى ئېنىق، جاراڭلىق ئىدى.
ئاساسىي قانۇن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېتىملىقۇم بازارلىق ساقچىخانا خەلق ساقچىلىرىنى «تەشۋىقات + مۇلازىمەت + بىرمۇبىر تەكشۈرۈش»تىن ئىبارەت ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزە ئارقىلىق، ئاساسىي قانۇن بىلىملىرى، قانۇنچىللىق مۇلازىمىتىنى دەل جايىدا دېھقانلارغا يەتكۈزۈشكە تەشكىللىدى.
بۇنداق «ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان، ئاممىباب» قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ −
يېزا - كەنتلەر، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ «ئۇلانمۇچىر» لېكسىيە ئەترىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاتلىق لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى ئارغىماقلارغا مىنىپ، قانۇن - نىزاملارنى ئېلىپ، ئوتلاق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قانۇن - نىزام ماددىلىرىنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىلدا چۈشەندۈردى؛
شەھەر سودا چەمبىرىكىدە، ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلارنىڭ تاماق يەتكۈزۈش ساندۇقىغا قانۇن تەشۋىقات رەسىملىرى چاپلانغان بولۇپ، تاماق يەتكۈزۈش بىلەن بىللە قانۇن بىلىملىرى تەشۋىق قىلىندى؛
...
ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئاساسى. «8 - بەش يىل»لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ قانۇننى ئورگان، يېزا - كەنت، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا، ئورۇن، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيە ئەندىزىسى بەرپا قىلدى.
يېقىندا، ياشانغانلار توپىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش «ئىممۇنىتېت كۈچى»نى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قاراماي شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ جەرەنبۇلاق رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى جۇڭشىڭ يولى كوچىسى ساقچىخانىسى يۆنەن ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ساقچىلىرى مەھەللە بىلەن بىرلىكتە، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، بىلىم ئېلىش بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مەھەللىدىكى ياشانغانلارغا بىر مەيدان ئۆزگىچە بولغان تېلېگراف ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيەسى سۆزلىدى.
«ئەسلىدە يان تېلېفوننىڭ يەنە ئاپتوماتىك ئالدامچىلىق تېلېفونىنى توسۇش ئىقتىدارىنى ئاچقىلى بولىدىكەن، بۇ ئىقتىدار بەك قوللىنىشچان ئىكەن!» ياشانغانلار بەس - بەستە ئالقىشلىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان يېڭى دەۋر ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ئەندىزىسى شىنجاڭدا شەكىللەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىدىيەسى، خىزمەت مېخانىزمى ۋە شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا، قانۇننى شۇ ئومۇملاشتۇرىدىغان» بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى مەسئۇل تارماقلارنىڭ «يالغۇز كىشىلىك ناخشا ئېيتىشى»دىن تارماقلار ھەمتۈرتكە بولىدىغان «ئومۇمىي خور ئېيتىش»قا ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئورتاقلىقنى ماددىلاشتۇرۇش، خاسلىقنى تۈرلەشتۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى «بىر قېتىمدا تەلتۆكۈس ئورۇنداش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىش، قانۇنچىللىق ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش، قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش... شىنجاڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئۆزگىچە بولغان قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ماركىسى يارىتىپ، دەل جايىدا بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان «كەڭ كۆلەمدە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش» ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇن - نىزاملارنى بىلىش دەرىجىسى، قانۇنچىللىق روھىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى، قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.
قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش
«ھېلىمۇ ياخشى ئادۋوكاتلار كوللېكتىپىنىڭ (قانۇنچىللىق جەھەتتىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش)ى بىزنىڭ توختامدىكى يوچۇقلارنى ئېتىشىمىزگە ياردەم قىلدى» دېدى مەكىت ناھىيەسى سانائەت باغچە رايونىدىكى بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى ھاياجانلانغان ھالدا.
شىنجاڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئەمەلىيەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن - نىزام ماددىلىرىنى قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، تەرەققىياتنى قوغداشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇردى.
ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر شەھىرى «ئاساسىي قانۇننى ئەركىن سودا سىناق رايونىغا كىرگۈزۈش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، قانۇنچىللىق جەھەتتىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش، قانۇنچىللىق سۆھبىتى، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى بولغان قانۇنچىللىق مۇھىتى ياراتتى.
«ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى» «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى تەشۋىقات ئېيى» قاتارلىق مۇھىم تۈگۈن نۇقتىلارغا تايىنىپ، شىنجاڭ «مىڭ ئادۋوكات ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ قانۇننى چۈشەندۈرۈش لېكسىيەسى» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۆيلىنىش، ئائىلە، توختام ماجىراسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «پاراڭلىشىش» «مىسال كەلتۈرۈش» ئۇسۇللىرى ئارقىلىق قانۇن نەزەرىيەسىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنى ھەم چۈشىنەلەيدىغان، ھەم قوللىنالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش داۋامىدا شىنجاڭ 78 مىڭدىن ئارتۇق «قانۇننى چۈشىنىدىغان» كىشىنى يېتىشتۈردى، 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، ئۇلار جەمئىي 900 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق زىددىيەت، ماجىرانى مۇرەسسە قىلىشقا قاتنىشىپ، ئاساسىي قاتلام قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.
ئاياللار، بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە توپقا قارىتا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار «ئانار گۈلى» ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئىشخانىسى قۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئالاھىدە توپقا مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولدى.
پۇختا قوللىنىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، قانۇنچىللىق كىتابتىكى جانسىز ماددىلاردىن 26 مىليون ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى تولۇپ تاشقان خاتىرجەملىكىگە ئايلاندى − كەچلىك بازاردىكى يايمىچىلار تىجارەت قانۇن - نىزاملىرىنى ئېنىق چۈشىنىپ خاتىرجەم يايما ئاچتى، چارۋىچىلار ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش جەريانىدا ئوتلاق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىدى، ئىشلەمچىلەر قانۇن ياردىمىگە تايىنىپ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىدى... ھېس قىلغىلى، ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان بۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسىي رېڭىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى، بەختنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.