شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى دەي خېگېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن دەي خېگېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قارشى ئالدى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر دەل «14 - بەش يىل» مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىش ئالدىدا تۇرغان، «15 - بەش يىل» پات ئارىدا باشلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. شىنجاڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقماقتا. يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، چوڭ - چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك تۈرلەرنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئۆزئارا پايدا ئالىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دەي خېگېن شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش گۇرۇھىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، ئىككى تەرەپنىڭ تارىخىي ئالاقىسىنىڭ ئاساسى چوڭقۇر، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا پائال ئۇدۇللىشىپ، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چۆرىدەپ، چوڭ - چوڭ قاتناش تۈرلىرى ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قۇرۇلۇش، يېشىل كان، يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشقا كۈچ قوشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.
شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.