ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش بويىچە خۇلاسىلەش ۋە باھالاش يىغىنى ئېچىلدى
بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش بويىچە خۇلاسىلەش ۋە باھالاش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 2023 - يىلىدىن بۇيان بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى نەتىجىلەر خۇلاسىلەندى، ساقلانغان مەسىلىلەر رەتلەپ چىقىلدى، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ «جان تومۇرى» قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، مەركەزنىڭ تەلىپى بىلەن، ئىلغار رايونلار بىلەن، كەڭ تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىدا يەنە نۇرغۇن پەرق مەۋجۇت. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، كىرىزىس تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۈرۈشنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى «جان تومۇر قۇرۇلۇشى» سۈپىتىدە تۇتۇپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تىجارەت - سودا مۇھىتىنى باھالاشنى ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىسىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تەتقىق قىلىپ، باھالاش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەلالىرىنى مۇكاپاتلاش، ناچارلىرىنى جازالاش روشەن يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ بىرىنچى سېپى، ئىش بېجىرىش كۆزنىكى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، بىر مەسىلە - بىر مەسىلىدىن سىجىل تۈردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، بىر ساھە - بىر ساھەدىن ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈزۈم ۋە تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، ئىللىقلىققا تولغان تېخىمۇ كۆپ سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەربىر سىياسەتنىڭ كارخانىنىڭ ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ياخشى مەمۇرىي ئىشلار مۇھىتى يارىتىپ، رەقەم ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، تەرتىپنى قايتا تۈزۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، بازار ئىجازىتى توسۇقلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئادىل، سەمىمىي بازار تەرتىپىنى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ بازار رىقابىتىگە باراۋەر قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق تۈزۈم تىرىكىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كېلەر يىلى «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ساداسىنى ھەرىكەت بۇيرۇقى قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق بىر تۈركۈم «كونا، چوڭ، قىيىن» «ئوتتۇرا قاتلامدا توسقۇنلۇققا ئۇچراش» مەسىلىلىرىدە مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئامىل بايلىقىنى تېز سۈرئەتتە توپلاش، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۈرۈشقا دائىر مۇھىم تەدبىرلەرنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش ۋە تىپىك مىساللارنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك.
يىغىندا ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.