ئاپتونوم رايوننىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈپ شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك
چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايون كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايون كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر 1 - شۇجى (خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى)، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر خىزمەت ئەترىتى، مۇنەۋۋەر خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى، تۇرۇشقا ئەۋەتكەن مۇنەۋۋەر ئورۇنلار ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، مەدەنىيەت، داۋالاشنى تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈشتىكى مۇنەۋۋەر سەييارە مۇلازىمەت كوللېكتىپى تەقدىرلەندى. چېن شياۋجياڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار ئىلغار تىپلار ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىپ، كۆپچىلىكنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇزاقتىن بۇيان ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كەنتتە تۇرۇشلۇق كەڭ كادىرلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نېمە ئۈچۈن ئالغا سىلجىتىش، قانداق ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى ئىلمىي ئىزاھلاپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باشتىن - ئاخىر ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ شىنجاڭنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ كەنتلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچ قوشۇش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇش، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە ھەرىكەت ھالىتىدە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە ئاساسەن ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، ئومۇمىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرالار ۋە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى مەنبەدىن تۈگىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دىننى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا - كەنتلەردە خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە يېزا، بازار (كوچا باشقارمىسى)لىق پارتىيە (پارتىيە خىزمىتى) كومىتېتىنىڭ تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئەۋەتكەن ئورۇنلارنىڭ ئارقا تىرەكلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ھەر دەرىجىلىك كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئىشخانىلىرىنىڭ يېتەكچىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كەنتتە تۇرۇۋاتقان كەڭ كادىرلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، خەلققە بەخت يارىتىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ شىن، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭى شەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى (خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى) ۋاڭ ۋېي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى گۇ يىڭسۇ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى تارتاجىك مىللىي يېزىسى باغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئېرشات ئەسقەر پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. 13 ئورۇن يازما سۆز ماتېرىيالى تاپشۇردى.
تيەن شياڭلى، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، جاڭ ۋېنشېڭ قاتناشتى، ۋاڭ لىن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئىلغار تىپلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.