ئەركىن تۇنىياز ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى (لايىھە)» توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: «دوكلات» ۋە «پىروگرامما»دا ئۆتكەن بەش يىل ۋە بۇلتۇرقى خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپلا قالماي، يەنە كەلگۈسى بەش يىل ۋە كېلەر يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا نەزەر سېلىنىدۇ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ خىزمىتى، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن بولۇپ، سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمىگە قارىتا ئەڭ بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە، كۆپچىلىكنىڭ كەڭ - كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
14 نەپەر ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن كادىر، ئوقۇتقۇچى، دېھقان، پەن - تېخنىكا خادىمى، سەھىيە خىزمەتچىسى، ۋەيمەي توشۇغۇچى، قانۇن خىزمەتچىسى قاتارلىقلار بەس - بەستە پىكىر بايان قىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرى خىزمەت قىلىۋاتقان ساھە ۋە كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات - قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنىڭ ئاساسىي يول بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، شورلۇق يەرلەرنى تۈزەش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئورۇنلۇق، قىممىتى بار، ئاممىغا يېقىن بولغان كۆپلىگەن پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى. بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، «دوكلات» ۋە «پىروگرامما»نى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، بولۇپمۇ بۇ يىل مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىگە زور ئىلھام بەردى. «15 - بەش يىل» مەزگىلى ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشتە، جەزمەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي ياخشى پىلانلاپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىشى كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، ئۆز ئىش ئورنىدا نۇر چېچىپ ھارارەت تارقىتىپ، تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.