«شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كۆرۈشۈش» كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا قول تۇتۇشۇپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كۆرۈشۈش» كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. كارخانىچىلار ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قاتارلىقلار «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، سىياسىي كېڭەش «سەھنە ھازىرلاپ»، كارخانا «سوئال چىقىرىپ»، ھۆكۈمەت «جاۋاب بېرىپ»، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ مۇجەسسەملىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا، ئون نەپەر كارخانىچىلار ۋەكىلى دىققەتنى «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدىغان مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، كارخانىلارنىڭ بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى. ئەركىن تۇنىياز ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئالاقىدار تارماقلارنى ئىلتىماس - تەلەپلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، كارخانىلار ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپلەرنى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى داۋامىدا ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، قوبۇل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ھەرتەرەپلىمە ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىدارنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان سىياسەتلەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كۈچ ئاتلىنىپ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوغدىشى كېرەك. كەڭ كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «مۇسابىقە يولى»نى نىشانلاپ، جاسارەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نۇرلان ئەبىلمەجىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يىغىننى ئېچىشتىن مەقسەت پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى ئۇلۇغۋار پىلاننى پىلانلاشتىن ئىبارەت. يىغىندىن كېيىن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ توغرا تونۇش ۋە ئېنىق چۈشەنچىلىرى ئومۇميۈزلۈك رەتلىنىپ ۋە خۇلاسىلىنىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «پىروگرامما»سى ھەم مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش پايدىلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
يىغىندا 5 - قېتىملىق «شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كۆرۈشۈش» كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىدىكى پىكىر - تەكلىپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئاپتونوم رايون كارخانىلار ئىنكاس قىلغان 144 تەكلىپ - پىكىرنى چۆرىدەپ، جەمئىي 371 تۈرلۈك تەدبىرنى تۈزۈپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە 131 تۈرلۈك تەكلىپ - پىكىر تاماملاندى، قالغانلىرى پائال ئالغا سىلجىتىلماقتا.
يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر قېيۇم، جارۇللا ھېسامىدىن، ليۇ خۇيجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.