ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-01-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، گۆش قويى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات باسقۇچىغا ئاساسەن، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە شەھەر - بازار ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گىرەلەشمە ئولتۇراقلىشىدىغان مەھەللە تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۈرئەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەر ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش، ئاقىللىشىش، تۈجۈپىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئادەم توپلاش، مائارىپ ئارقىلىق ئادەم توپلاشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا شەھەر - بازارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇھىم سىياسەت، چوڭ - چوڭ تۈر، مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مالىيە، باج - ھەق، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دىققەتنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەشكە يار - يۆلەك بولۇش قاتارلىقلار بىلەن دەل جايىدا تەمىنلەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك سانلىق مەلۇمات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، قاراتمىلىققا ئىگە ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «15 - بەش يىل»لىق رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تۈزۈپ، رەقەملىك پارتىيە قۇرۇلۇشى، رەقەملىك مەمۇرىي ئىشلار، رەقەملىك ئىقتىساد، رەقەملىك مەدەنىيەت، رەقەملىك جەمئىيەت ۋە تىنچ - ئامان شىنجاڭ قاتارلىق «ئالتە چوڭ ساھە»دە ئەمەلىي قوللىنىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «ھەممىباب ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەلۇمات جەدۋىلى»نى كېڭەيتىش، ئەمەلىي قوللىنىشنى پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىققەتنى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، گۆش قويى كەسپىدە مىقدارنى كۆپەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، گۆش قويى كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ۋە تىجارەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. تېخنىكا يوللىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، گۆش قويى كەسپىنىڭ كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەنگەن، يېشىللاشقان، ماركىلاشقان، رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىنچىكە پىششىقلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېشىل، يۇقىرى دەرىجىلىك قوي گۆشى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، يەم - خەشەك پىششىقلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئەلا نەسىللەرنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، گۆش قويى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارار» مۇھاكىمە قىلىنىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.