باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

2026-01-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، كونكرېتلاشقان، دەل جايىدا بولغان، دائىملاشقان نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا تۈزۈم قەپىسىگە سولاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاق داۋاملىشىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك دوكلاتلىرىنى تەييارلاش ۋە تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 2025 - يىللىق خىزمەت ئەھۋالى ھەم 2026 - يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تەكلىپ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە سىياسىي كاپالەتلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2026 - يىلىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئون ئەمەلىي ئىش توغرىسىدىكى تەكلىپ ئەھۋالى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى بايلىقنىڭ ئادەمگە مايىللىشىشى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ گەۋدىلىك، ئەڭ تەخىرسىز بولغان مەسىلىلەردىن تۇتۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ياخشى يولغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈش، نەتىجىلەرنى كۆرۈش، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى قاتتىق جازالاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا چىرىكلىكنى تەكشۈرىدىغان ئادەم بارلىقىنى، مەسىلىگە مەسئۇل بولىدىغان ئادەم بارلىقىنى، مەنپەئەتنى قوغدايدىغان ئادەم بارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.