ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2026 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش؛ دائىملاشقان دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش؛ يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ۋە مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشقان چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، يېزىلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاش، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات، گۈزەل قىلىش كېرەك.
يىغىندا مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىنىڭ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش داۋامىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛ ئاممىۋى پىكىرنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش كېرەك؛ خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك؛ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، بەش پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەقىقي تۈردە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى كېرەك. بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورۇن بېكىتمىسى توغرىسىدىكى تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەسى» «تۆت چوڭ رولى»نى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
يىغىندا يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ ئېنېرگىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل توكنى ئۆز جايىدا ئىشلىتىشنى كۆپ يول ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدە يۇقىرى پەللىگە تاقاشتۇرماي سودىلىشىش مېخانىزمىنى ئىجادىي بەرپا قىلىپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.