ئەركىن تۇنىياز تەزكىرە ۋە قىزىل كىرېست خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تەزكىرە ۋە قىزىل كىرېست خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ تەزكىرە سارىيىغا كېلىپ، كۆرگەزمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكىر يولى، پائالىيەتنى پىلانلاش، يۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، ھەم چوڭقۇر قېزىش، ۋارىسلىق قىلىش - راۋاجلاندۇرۇش، تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىش قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، تۈرلۈك تارىخىي ماتېرىياللارنى تارىخىي تەزكىرە مەدەنىيەت نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، تەزكىرە ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش» ئارقىلىق، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدا، ئەركىن تۇنىياز «شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى»نى تۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، تەزكىرە، يىلنامە، خاس تەزكىرە، مەخسۇس تېمىلىق تەزكىرە نەتىجىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيە ئۈچۈن سۆز قىلىش، دۆلەت ئۈچۈن تارىخنى ساقلاش، خەلق ئۈچۈن تەزكىرە تۈزۈش» بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەزكىرە خىزمىتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئومۇملۇقىغا قويۇپ ئويلىنىپ ۋە پىلانلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تارىخىي ئاساس ۋە مول ئوزۇق بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئاساسىي بازىنى قەتئىي ياخشى ساقلاپ، سىياسىي ئۆتكەل، تارىخىي پاكىت ئۆتكىلى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەزكىرىسى» «شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەزكىرىسى»نى تۈزۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 3 - نۆۋەتلىك تەزكىرە تۈزۈش خىزمىتىنى ئالدىن پىلانلاش كېرەك. توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەزكىرىنى رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تەزكىرە كىتابلىرىنى «جانلاندۇرۇش» كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە كېلىپ، خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە ۋە بەدەن ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىش، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، ھەم پىدائىيلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىزىل كىرېست ئىشلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «ئۈچ تەقدىم قىلىش» خىزمىتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قىزىل كىرېست ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىئانە قىلىنغان پۇل، ماددىي بۇيۇملارنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاشكارىلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارەت قىلىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مۇقىيات جارمۇقامەت، قەيسەر ئابدۇكېرىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.