چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تيەن شياڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تولۇق نامايان قىلىندى، بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2025 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ساداقەتمەنلىك بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن قالتىس ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. 2026 - يىلى «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور، مەسئۇلىيەت ئېغىر. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان چىدامچانلىق ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كونكرېتلاشقان، دەل جايىدا بولغان، دائىملاشقان سىياسىي نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئەڭ تۈپ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتتە نامايان قىلىش كېرەك. «15 - بەش يىل»لىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا سىڭىشىشنى تېزلىتىش، غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ۋەزىپە - تەلەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۈردە سادىق، ئىشەنچلىك، دىلى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولغان، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ياخشى كادىرلارنى ئىشلىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا تۈزۈم قەپىسىگە سولاش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتتىق چەكلىمىنى كۈچەيتىپ، ئېنىق قائىدىنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن - نىزام، تۈزۈم ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش، قانۇن - نىزام، تۈزۈمگە رىئايە قىلىشتا ئالاھىدە ئىمتىياز بولماسلىق، قانۇن - نىزام، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشتا ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقىي تۈردە توك بار يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق»لارنىڭ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى، «ئۈچ مۇھىم، بىر زور» تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئىجرا قىلىشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىشى، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا ياخشى مېڭىپ، تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلىكنى جەزمەن تازىلاش، رەزىللىكنى تولۇق تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى قاتتىق جازالاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاش، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن زەنجىرلىك ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پاكلىقنى ئۇلۇغلاپ چىرىكلىككە قارشى تۇرىدىغان، تېجەشلىك بولۇشنى قەدىرلەپ، ھەشەمەتچىلىكتىن ساقلىنىدىغان ياخشى مۇھىتنى يارىتىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، شۇجىلارنىڭ 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت»ىنى پۇختىلاپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش - ھەقىقىي چىڭىتىش، ھەقىقىي تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك مەخسۇس مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشىغا پائال ھەمكارلىشىشى كېرەك. ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى كۈچەپ تاۋلاپ چىقىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
تيەن شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.
ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ گاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.