2026 - يىللىق 1 - پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 2026 - يىللىق 1 - پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزى ۋە نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى ئېنىقلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار 1 - پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، كەسىپ سالمىقى زور، تەدبىرنىڭ ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان كەسىپ، ساھەلەرنى يۈكسەلدۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، تىرىشىپ 1 - پەسىلدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى ۋە ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سانائەت ئىقتىسادىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى تولۇق قېزىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپەيمە مىقدار شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قىش پەسلىدە قۇرۇلۇش قىلغىلى بولىدىغان تۈرلەرنى رەتلەپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، كۆپ ئىشلىگىلى بولسىلا كۆپ ئىشلەپ، قىشتىكى بوش ۋاقىتنى قىشتىكى ئالدىراش ۋاقىتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يۈرۈشلۈك باھار بايرىمىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ۋە قار - مۇز ساياھىتى پائالىيىتى - مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى مەنزىرىسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پورتلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، نۇقتىلىق سۇپا، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا يار - يۆلەك بولۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزى ۋە نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئالىي مائارىپ ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ ۋە رەقەملىك مائارىپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش ۋە ئاساس مائارىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ۋە رايون تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، رايونلار تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ۋە تەرەققىيات ساھەسىدىكى ئەمەلىي ئېھتىياجى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان، كېڭەيتىش ئاسان بولغان نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر تۈركۈم ئاددىي ھەم گۈزەل، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ھەمكارلىق ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى ئېنىقلاش تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قەرزنى ئۈزۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەكشۈرۈپ كېمەيتىشنى، ساختا قەرز ئۈزۈشنى توسۇپ، كارخانىلارنى كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خامچوت ئىجرا قىلىش قاتتىق چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، نېسى قالدۇرۇشنى يېڭىدىن كۆپەيتىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك.
يىغىندا يولداش شۈ فېينى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ بېكىتىش مۇھاكىمە قىلىنىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شۈ فېينىڭ ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزغانلىقىدىن ئىبارەت قەھرىمانلىق ھەرىكىتى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى جانلىق ئىزاھلاپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئۈچۈن قەھرىمانلىق ئۈلگىسى تىكلىدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېتىبار - نەپىقە بېرىش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالىيجاناب روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەش، قەھرىمانلارنى قوغداش، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىش، قەھرىمانلارغا كۆيۈنۈش ياخشى كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.