مەمۇرىي ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇش، قوبۇل قىلالايدىغان بولۇش، ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2026-01-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي ھوقۇق ئىش تۈرلىرىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى

مەمۇرىي ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇش، قوبۇل قىلالايدىغان بولۇش، ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي ھوقۇق ئىش تۈرلىرىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، گوۋۇيۈەننىڭ «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» توغرىسىدىكى تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەمۇرىي ھوقۇق ئىش تۈرلىرىنى تەڭشەشنى يولغا قويۇش كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەمۇرىي ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇش، قوبۇل قىلالايدىغان بولۇش، ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەمۇرىي ھوقۇق ئىش تۈرلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم مەزمۇن، تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، پائال پىلانلاپ، ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. «بېرىش» ۋە «قوبۇل قىلىش»نىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى تەڭشەش بىلەن «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۆۋەنگە بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەربىيەلەشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش، نەق مەيداندا نازارەت قىلىش - بېجىرىش، ئىزلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن تۆۋەنگە بېرىلىدىغان ھوقۇققا قارىتا، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك ھوقۇقنى تولۇق قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش»قا كۈچ سەرپ قىلىپ، «ھالقىلارنى ئازايتىش، ماتېرىياللارنى ئازايتىش، ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئازايتىش، خىراجەتنى ئازايتىش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەمۇرىي مۇلازىمەت ئىش تۈرىنىڭ «بېجىرگىلى بولۇش»تىن «ياخشى بېجىرىش، ئاسان بېجىرىش»كە قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنى ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلارنى ھەقىقىي ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. قوبۇل قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ - خەتەرلەرنى ۋاقتىدا رەتلەپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئالدىن تەييارلاش كېرەك. ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش سەۋەبلىك ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشىدە بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلار كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى كېرەك. ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مىقدارلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچلىرىنى ئىلمىي بېكىتىپ، قوبۇل قىلىش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا باھالاشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئىش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقنى توردا پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تىپىك ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، سىياسەتنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسەتنى ئاشكارىلاشنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە بىلىش دەرىجىسىنى سىجىل كېڭەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مەمۇرىي ھوقۇقنى تەڭشەش ئىش تۈرلىرىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى، تەبىئىي بايلىق نازارىتى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.

مۇقىيات جارمۇقامەت، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جۇ لىفەن، پەن شى يىغىنغا قاتناشتى.