جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

2026-01-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى ۋە ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمغا چىن قەلبتىن ئىشىنىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پۇختا ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەيدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ ۋە تولۇق ئادا قىلىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە قىيىن ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئەتراپىدىكى ئادەم ۋە ئىشلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىش تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز كارخانىلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئۆتۈشمە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىستېما خاراكتېرلىك، رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسەت مەدىتى ۋە سېلىنما كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ئېلىپ قېلىش، ياخشى ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئاياللار ئىشلىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ئاياللار ئىشلىرىنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاياللارنى يېتەكلەش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە دائىر خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاياللارنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۇلارغا كۆيۈنىدىغان، ئاياللار ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.