ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى ئاساسىي تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك
چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى
2
2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نىشانلاپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى ئاساسىي تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئۆلچەمگە، تەلەپكە توغرىلىنىش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپىنى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ناھىيە رايونىنىڭ خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى پۇختا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «ئەلا سۈپەت» ۋە «كۆلەم»دىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچنى چىڭ كۆزلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىپ، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، بىرلىك ھوسۇل ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچەپ، جايلارنىڭ ئاشلىق زاپىسى كۆلىمىنى پۇختا تولۇقلاپ، پاختىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، باغۋەنچىلىك كەسپىدە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ماركىلارنى يارىتىپ، دۆلەتنى ئاشلىق، پاختا ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، رايون ۋە تۈرگە ئايرىپ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۇتۇپ، شورلۇق يەرلەرنى تۈزەش، ياخشىلاشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە جابدۇق تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھازىر بار بولغان يار - يۆلەك بولۇش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يار - يۆلەك بولۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە باشقا رايونلاردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرگە دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنچىكە پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى ياخشى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا - كەنتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كەنت (مەھەللە) «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزىلارنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەردە جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىغا، ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى پۈتۈن رايوندا نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا - كەنت ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچى ئاممىنى ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلارنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باش بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە، سىياسەت ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق قاراشنى تۇرغۇزۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تۈزەش كېرەك. يىل ئاخىرى ۋە يىل بېشىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى بالدۇر ياخشى پىلانلاپ، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى كۆكتات مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، بايرامنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى.
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقتۇ ناھىيەسى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى، ساۋەن شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ساھەلەر بويىچە باشقۇرىدىغان مەسئۇل يولداشلار ۋە يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانا ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.