باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خىزمەت ئورگىنى نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى

2026-02-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خىزمەت ئورگىنى نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 24 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى « 15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تېخنىكا ئاساسى بىرقەدەر ياخشى، بايلىق تىرىكى كۈچلۈك، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بىرقەدەر زور بولغان كەلگۈسى كەسىپلەرنى تاللاپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر بىلەن بىر - بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلغان ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەر ۋە تۈرلۈك ئامىللار تىرىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پەن - تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىنى بىلىش، كەسىپنى بىلىش، تەدبىر بەلگىلەشكە ماھىر بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ۋە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خىزمەت ئورگىنى نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «نىزام»نى تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە خىزمەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي ئورگان بولۇشتەك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىجىل تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك؛ سىياسىي ئورگانلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى يولغا قويۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىش كېرەك؛ سىياسىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنى تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قابىلىيىتى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ 2025 - يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ۋە 2026 - يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىقتىسادىي تەپتىشكە دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتى ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى ئىقتىسادىي نازارەتچىلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرى، ئېنېرگىيە، مائارىپ قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن جەريانلىق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ تۈزىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈزىتىش، ئەمەلىي تۈزىتىش، جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، كەسپىي ئىقتىدارى ۋە خىزمەت سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2025 - يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ۋە 2026 - يىللىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى خىزمىتىنىڭ سىياسىيلىقى، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.