چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى
سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ ئورمان ۋە ئوتلاقنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداش، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدە «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ھەم ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئورمان ۋە ئوتلاقنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ ئاپىتى - قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلارغا كىرىپ سۇ بايلىقىنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشىنى باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سۇچىلىق دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇنى ئىدارە قىلىش پىكىر يولىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سۇ ئارقىلىق تۆتنى بېكىتىش» پىرىنسىپىنى ھەر تەرەپلىمە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇ بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشتىن ئىبارەت تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك. سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىكىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ چوڭقۇر سۇ تېجەش، سۇ تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىنى تەڭشەش، ساقلاش بويىچە چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىپ، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ تورى ئاساسىي رامكىسى ۋە تايانچ قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىپ، ھەر دەرىجىلىك سۇ تورىنىڭ ماس يۇغۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشقان يۇقىرى سۈپەتلىك سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە تورى بەرپا قىلىش كېرەك. سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەريا - كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىدىغان رايونلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز قارامايلى تېغى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى سىن ئارقىلىق كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» مۇھىم تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئورمان ۋە ئوتلاق كەسپىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىلىرىنى پۇختىلاپ ۋە كېڭەيتىپ، دۆلەت زېمىنىنى يېشىللاشتۇرۇشنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئورمان ۋە ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېشىل ئاساسى رېڭىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. يېشىل بولۇش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باغۋەنچىلىك كەسپى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇملۇق كەسپىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، كەسىپلەر گۈللەنگەن، پۇقرالار باي - باياشات بولغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى تېپىپ چىقىش كېرەك. تىرەك بولۇش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ساھەسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورمان ۋە ئوتلاق بايلىقىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورمان ۋە ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئورمان ۋە ئوتلاقنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە سۆھبەت داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: سۇچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق خىزمىتى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىدا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سۇچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە سۇچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق سىستېمىسى ئەستايىدىللىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم تەدبىر، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، قانۇنىيەت بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەيدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى پۇختا تۇتۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى كېرەك.
جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، مۇقىيات جارمۇقامەت ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.