ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسى قاتارلىقلارنى تەكشۈردى.
ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويۇپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، «15 - بەش يىل» ۋە بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد چوڭ ئوبلاستى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ 1 - پەسىلدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپلىرىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنى يېشىللاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، «گۈزەل مەنزىرە»نى «گۈللەنگەن - ئاۋات مەنزىرە»گە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاقىل پورت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئېچىۋېتىلگەن سۇپىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش تىزگىنلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ئىقتىسادىنى پائال پىلانلاپ، «ئىككى مۇھىم» تۈرنى يولغا قويۇشنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىش، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.
سارقىت ئاقان سىرتتىن قاتناشتى، ياڭ شيۇلى قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.