ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى
نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى
جارۇللا ھېسامىدىن رىياسەتچىلىك قىلدى، ليۇ خۇيجۈن تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.
يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن، تەنتەنىلىك بولۇپ، رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ گېربى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، باتۇ، شى گاڭ، باش كاتىپ رېن چېڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 521 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 498 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جارۇللا ھېسامىدىن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: 2025 - يىلى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇھىم بېغىشلىما يېزىپ بېرىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلىدى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىپ، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى يەنىمۇ پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، مەركىزىي خىزمەت ۋە ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، دائىملىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ پۇختا تۇتۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: 2026 - يىلى «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە قەلبنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
ليۇ خۇيجۈن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. جەمئىي 1120 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى، 514 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقتىدا بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلدى.
يىغىندا يەتتە نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، بىر قىسىم ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئېچىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇلىرى ھەم جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مەملىكەت سىرتى تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى خۇاچياۋلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.