دوستلۇق مېھرىنى ئورتاق بايان قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش توغرىسىدا ئورتاق سۆزلىشىش
شىنجاڭ بېيجىڭدا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى
چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى

3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ بېيجىڭدا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ بېيجىڭدا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ھەمبەھرىلەپ، دوستلۇق مېھرىنى ئورتاق بايان قىلدى، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش توغرىسىدا ئورتاق سۆزلەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ رۇيجۈن، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ چىن، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ ۋەنمىڭ قاتناشتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مىنىستىر ياردەمچىسى خۇڭ لېي، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سۇخايىل . خان، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ باش كاتىپى سۈن ۋېيدۇڭ قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
بېيجىڭدىكى شىنجاڭ سارىيىنىڭ مۇقام زالى قىزغىن، دوستانە كەيپىياتقا تولدى. 40 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، پائالىيەتكە قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تۆت قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بۇلتۇر 9 - ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم بېغىشلىما يېزىپ بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، رول تۇتۇپ يول باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىگە زور ئىلھام بەردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم، ياخشى بولغان ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ بوشاشماي ئىنتىلىشى. شىنجاڭ قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇقى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىدە بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان 26 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. ھەرقايسى دوستلارنى شىنجاڭغا كېلىپ كۆپرەك ئايلىنىپ، كۆپرەك كۆرۈپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى ئۆزى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما چىن قەلبىدىن مەدھىيەلەۋاتقان بەختلىك شىنجاڭ توغرىسىدىكى تەرىپلەشلەرنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، تاغ - دەريالىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگو شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز.
خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىپ، دۇنيادىكى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى تەقدىم قىلىندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇردى؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ زىچ بولۇشىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنىڭ ماس ئورتاق ئىلگىرىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى. بىز پاكىت، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئورتاق قوغداپ، يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە سىياسىي نەيرەڭۋازلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايمىز؛ ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت قىلىپ، دۇنياغا ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي، ئومۇميۈزلۈك بولغان شىنجاڭ مەنزىرىسىنى تارقىتىشىنى قارشى ئالىمىز؛ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى ھەمبەھرىلەيمىز، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىمىز.
سۇخايىل . خان مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي دەرۋازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدا ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. جۇڭگو شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېشىل ئېنېرگىيە، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق شارائىت ياراتتى، كەڭ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىدۇ.
سۈن ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى قۇرۇلۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. شىنجاڭ «ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى» نام كارتىسىنى سىجىل جۇلالاندۇرۇپ، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلماقتا. جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى كاتىبات باشقارمىسى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشىنى پائال قوللايدۇ.
قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نۇرېشېف، بېلارۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېرۋىياكوۋ، تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۈنال، كامېروننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇبانا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى سالىيېف ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى ئىناق ۋە مۇقىم، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھاياتىي كۈچكە تولۇپتۇ، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، ئىناق بولۇپ، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى ۋە پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىپتۇ. شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كەڭ بوشلۇققا يۈزلەندى. ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئاممىۋى دىپلوماتىيە جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە، ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.