چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆھبەتلەشتى
شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، ئايرىم - ئايرىم جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى دەي خوۋلياڭ، باش دىرېكتور جوۋ شىنخۇەي، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جىگاڭ بىلەن پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆھبەتلەشتى.
چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىقلار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش قاتارلىقلار سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كەڭ بوشلۇق ۋە مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. بىز مەركەز كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش ئورۇن بېكىتمىسىنى نىشانلاپ، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، بايلىقنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى زورايتىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى قۇرۇشنى؛ يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى خالايمىز. جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. شىنجاڭ جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، چوڭ - چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
دەي خوۋلياڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆت ئىنقىلاب، بىر ھەمكارلىق» ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا قويۇپ، شىنجاڭ رايونىدا نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نېفىت چەككىلەش - خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.
جاڭ جىگاڭ شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى زورايتىپ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» لىنىيەسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى غول تور رامكىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنى مۇستەھكەملەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.
جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.