ئەركىن تۇنىياز سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ يېڭى سەھىپە ئېچىش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھى ھەم جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە دۇنياۋى سودا - مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە كۈچ قوشۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ يېڭى سەھىپە ئېچىش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە كېلىپ، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ۋە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم قانۇن مۇلازىمىتى بۆلۈمى، ئىقتىسادىي ئالاقە بۆلۈمى قاتارلىق تارماقلارغا كىرىپ، كادىرلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پۇقراۋى ئىگىلىك ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى ساغلام» بولۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە تېخىمۇ كۈچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە سىڭىشىشىنى قوللاپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاسىتىچى بولۇپ، سۇپا ھازىرلاپ، پائال تۈردە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىچىلارنى تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى تولۇق ئاڭلاپ، پائال تۈردە سىياسىي مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «غەمگۈزارى» بولۇپ، «ھۆكۈمەت، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، بانكا، كارخانا» ئۇدۇللىشىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى تۇتقا قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ھەقىقىي تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تۈزىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ ئۈنۈم يارىتىپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدە، ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سودا ئىشلىرى قانۇن مۇلازىمىتى بويىچە كىنىشكا بېجىرىش زالى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق بۆلۈمىگە كېلىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار مۇلازىمەتنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش ھەم سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. سۆھبەت يىغىنىدا، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى مۇستەھكەملەپ، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا بازار ئېچىشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. يۇقىرىدا ھۆكۈمەت بىلەن ئۇدۇللىشىش، تۆۋەندە كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىش، تاشقى جەھەتتە چېگرا سىرتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش، ئىچكى جەھەتتە بازار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «نېمە كەم بولسا شۇنى كىرگۈزۈش» پىرىنسىپى بويىچە، سودىگەر ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سودا - سانائەت ساھەسى بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى پائال كىرگۈزۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ يول ئېچىپ، زاكاز تېپىپ، سۇپا ھازىرلاپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. سودا ئىشلىرى مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ سودا سۈركىلىشىگە تاقابىل تۇرۇشى، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، تىجارەت خەۋپ - خەتىرىنى تۈگىتىشى ئۈچۈن دەل جايىدا بولغان قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يۈسۈپجان مەمەت، جۇ لىفەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.