ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت توغرا يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ۋە ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىقىنى پۇختىلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا، مەركەزنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى، ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق تۇتۇش، قاتتىق باشقۇرۇش ھالىتىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ نىشانلىق تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، شەكىلۋازلىقنىڭ ئارقىسىدىكى سىياسىي نەتىجە قارىشى مەسىلىسىنى چوڭقۇر قېزىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، يۈزبېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى تۇتۇپ، ئىبرەت تەربىيەسى ۋە دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى چوڭقۇر كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا، مەركەزنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي خادىملار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى، ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ قاپلاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىش ئورنى كۆلىمىنى كېڭەيتىش، قوشۇن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسپىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ، شەھەر - يېزىلارنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى مۇلازىمىتىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي ئىش ئورنىنى كۆپ يول ئارقىلىق ئېچىپ، باھالاش تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ئىقتىدارى كۈچلۈك، كەسىپتە پىشقان، خىزمەتكە رىشتە باغلىغان، تۆھپە قوشۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي خادىملار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى ۋە ئۇلنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي ئىقتىدار ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.