پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ما شىڭرۇينى ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز

2026-04-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ما شىڭرۇينى ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرىئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا ما شىڭرۇينىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ما شىڭرۇينى ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈۋاتقانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتىن ئىبارەت قەتئىي مەيدانىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەيسەر ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالماسلىق، يېرىم قەدەممۇ چېكىنمەسلىكتىن ئىبارەت روشەن پوزىتسىيەسىنى تولۇق ئىپادىلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ما شىڭرۇينىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىق مەسىلىسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى «بەشنى يەنىمۇ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش» مۇھىم تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي جازالاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا، سىياسىي پىرىنسىپ مەسىلىسىدە كاللىنى ئالاھىدە سەگەك تۇتۇش، مەيدانى ئالاھىدە قەتئىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاش، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تاۋلىنىشنى كۈچەيتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ غايە - ئېتىقادى ۋە مەنىۋى ئىنتىلىشىنى چىڭىتىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باشتىن - ئاخىر ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىنى يارىتىش كېرەك. ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا تۈزۈم قەپىسىگە سولاپ، دىققەتنى «بىرىنچى باشلىق»، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنى، ياش كادىرلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش، ھوقۇقنى قاتتىق ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھوقۇقتىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ھوقۇقنى ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ كونكرېت، دەل جايىدا، دائىملىق بولۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشتا يېرىم - يارتا ئىش قىلىش، تاللاپ قىلىش، ئۆزگەرتىپ قىلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ پۈتكۈل دەۋرىيلىكىگە سىڭدۈرۈش، تەشكىلىي جەھەتتىن باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش، كۈندىلىك نازارەت قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا تۇتۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىك مەسىلىسى پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ يوقىتىش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق، پۇختا زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) شۇجىلىرىنىڭ 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى، بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت»ىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلارنىڭ «كەسىپنى تۇتۇشتا جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە ھەمكارلىشىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، بىرتۇتاش ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.