باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026-04-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى، مۇھىم پىرىنسىپى، ئاساسلىق نىشانى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى.

يىغىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلان مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى، ئۇ يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش جەريانى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز دۇچ كېلىدىغان تارىخىي ئورۇن ۋە تەرەققىيات مۇھىتى، «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، ئاساسلىق نىشانى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ھەمدە يىرىك پىلان پىروگراممىسىدىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار مۇھىم ۋەزىپە، تەدبىرلەر، چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر، سىستېمىلىق چۈشەندۈردى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ۋە داۋاملىق يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇملۇقىغا قويۇپ پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قويۇپ، «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يىرىك پىلاننى يۈرۈشلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەخسۇس يىرىك پىلان، رايون يىرىك پىلانىنى تىك يۆنىلىشتە جىپسىلاشتۇرۇش، توغرا يۆنىلىشتە تۇتاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەرياندا ئىزلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەن ئورگىنى، ھەرقايسى شى، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.