ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش كومىتېتىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى
قاتتىق تەدبىر ۋە ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش كومىتېتىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2025 - يىللىق مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلدى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇندى.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2025 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ، ئاساسىي يوللۇق رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، كارخانىلارنى قوغداش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، مەنبەدىن تۈزەش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئاپپاراتلىرى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، مەمۇرىي تالاش - تارتىشنى مەنبەدىن ھەل قىلىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، «مۇرەسسە قىلىشقا بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇرەسسە قىلىش، مۇرەسسە قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇرەسسە قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. كۆپ خىل ھەل قىلىش مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى ھەم خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتى قاتارلىقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «قايتا قاراپ چىقىش + مۇرەسسە قىلىش» «قايتا قاراپ چىقىش + ئەرزىيەت» «قايتا قاراپ چىقىش + قانۇن ياردىمى» قاتارلىق خىزمەت ئەندىزىلىرىنى ئورنىتىپ، قايتا قاراپ چىقىش بىلەن ئەرزىيەتنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەرزىيەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە قايتا قاراپ چىقىش يولىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دىققەتنى ئۆي - زېمىن، يەر ئېلىش، چېقىش - كۆچۈرۈش، ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش كۆپ كۆرۈلىدىغان ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر قاتلاملىق مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، مەمۇرىي ئىشلاردا لەۋزىدە تۇرماسلىق، مەمۇرىي كېلىشىمنى ئادا قىلماسلىق، سىياسەتنى نەقلەشتۈرمەسلىك قاتارلىق قىلمىشلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تۈزىتىپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق دېلولارنى بېجىرىش ۋاقىت چىكىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارنامىسى بويىچە ئادا قىلىش، نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي ھەرىكەتنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى قاتتىق چەكلىمىنى كۈچەيتىپ، دېلو بېجىرىش تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئايرىم دېلولارنى نازارەت قىلىشنى ئوخشاش تۈردىكى دېلولارنى قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بېجىرىشكە ئىزلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىش، تۈزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش، قايتا تەكشۈرۈش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق مېخانىزمنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئورنىتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، دېلو مىقدارى كۆپ، خاتالىقنى تۈزىتىش نىسبىتى يۇقىرى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرى، سوت، تەپتىشتىن ئىبارەت ئىككى مەھكىمە، مۇتەخەسسىس، ئەزالار قاتارلىقلار بىلەن مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشى كېرەك. قايتا قاراپ چىقىش نەتىجىسىنى قاتتىق تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا دېلو بېجىرىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق - مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئاپپاراتلىرى، مەمۇرىي ئورگانلار مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي قوشۇننى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئىنتىزام ۋە ئىستىلنى چىڭىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا، مۇتەخەسسىس، ئەزالار خىزمەت مەلۇماتى دوكلاتى بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى، تەبىئىي بايلىق نازارىتى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.
جاڭ يىڭچۇن، ۋاڭ مىڭشەن، پەن شى يىغىنغا قاتناشتى.