ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۈرۈمچىدە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى

2026-04-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي،ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: كەڭ تۇپراق باھار تۈسىگە كىردى، بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى، كۆچەت تىكىشنىڭ ياخشى مەزگىلى يەنە يېتىپ كەلدى. 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۈرۈمچىدە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

كۆچەت تىكىش نۇقتىسى ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئۈرۈمچى - بەنفاڭگوۋ، ئۈرۈمچى - شۇيشىگوۋ تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېكولوگىيە ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا جايلاشقان. بۇ قۇرۇلۇشتا 2009 - يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە 29 مىڭ 500 مو يەردە ئورمان بىنا قىلىنىپ، ھەيۋەتلىك ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلىندى. قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كەيپىياتتا، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، پىيونېرلار بىلەن بىرلىكتە گۈرجەك بىلەن توپا قېزىپ، قىر سېلىپ سۇغىرىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئۇزۇن شاخلىق قارىياغاچ، چوڭ يوپۇرماقلىق قارىياغاچ، قىزىل يوپۇرماقلىق تاشئالما قاتارلىق كۆچەتلەرنى تىكتى. كۆچەت تىكىش ئارىلىقىدا، چېن شياۋجياڭ پىيونېرلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، كۆپچىلىكنى ئۆگىنىش ئاساسىنى ياخشى سېلىپ، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىپ، كىچىكىدىن باشلاپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

پائالىيەت جەريانىدا، چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايون ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل ئومۇمىي خەلق خالىسانە كۆچەت تىكىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، بىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىللىقنى ئاشۇرۇش ئىشىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، يېشىللىقنى ياشنىتىش، يېشىللىقنى قوغداشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ۋەزىپىسىنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، يېشىللىق بىلەن بېيىشنى تەڭ گۈللەندۈرۈشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېشىللىق ئاساسىي رېڭىنى قېنىقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دەل ئەتىياز پەسىللىك ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە پۇختا زىممىگە ئېلىپ، تەشۋىق - تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، چارلاش - قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ۋاقتىدا يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى كېرەك.

«14 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 9 مىليون 684 مىڭ 700 مو ئورمان بىنا قىلىندى، 32 مىليون 983 مىڭ 400 ئادەم كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، جەمئىي 267 مىليون تۈپ خالىسانە كۆچەت تىكتى. بۇ يىل ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى 1 مىليون 654 مىڭ 100 مو تاماملىنىپ، 473 مىڭ 800 مو ئورمان بىنا قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى قاتارلىقلار خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.