ئاپتونوم رايونلۇق پاختا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى
پاختا كەسپىنىڭ مۇقىم، ساغلام، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پاختا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2026 - يىللىق 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پاختا كەسپىنىڭ مۇقىم، ساغلام، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن مىڭگو قاتناشتى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پاختا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. پۇرسەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدە مىقدارنى كېڭەيتىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكىچە بولغان يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2026 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشى، پەرقلىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان توقۇمىچىلىق كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى پائال، پۇختا، مۇۋاپىق تەڭشەپ ئازايتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، پاختا ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. مەخسۇس سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم قالاق پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى شاللاپ ۋە يېڭىلاپ، ئۆزگەرتىپ، پاختا پىششىقلاش ئىقتىدارى رايونىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن تېرىقچىلىق رايونىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ماس كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى، بازارنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە داڭلىق ماركا سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، «شىنجاڭ پاختىسى» داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو پاختا، پاختا يىپ سودا مەركىزى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم تەسىر دائىرىسى كەڭ يەرلىك داڭلىق ماركىلارنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش ۋە يارىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كېڭىشىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى دەل جايىدا ھەل قىلىش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ماس قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، باھادا ھەمتۈرتكە بولۇش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپلەرنى كۈچەيتىش ۋە زورايتىش كېرەك.
يىغىندا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە 2026 - يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» قاراپ چىقىلدى.
جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، مۇقىيات جارمۇقامەت، جۇ لىفەن، خا زېڭيوۋ، لى يۇڭخۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.