شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە ئۆزبېكىستان سىر دەريا ئوبلاستىنىڭ باشلىقى ئېركىنجون تۇردىموف بىلەن كۆرۈشتى.
چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تۇردىموف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندا جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى، يىغىندا تەستىقلانغان «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بېرىپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا قىممەتلىك ئېنىقلىق ۋە مۇقىملىق قوشتى. جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان دوستانە يېقىن قوشنىلار ۋە يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ھەمكارلىقى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك تېز يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقى پۇختا ئاساسقا، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىگە ۋە كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى ۋە داۋالاش - ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو شىنجاڭ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى قېزىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد - سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋە كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
تۇردىموف جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆزبېكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈنسېرى كېڭەيدى. ئۆزبېكىستان سىر دەريا ئوبلاستىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى روشەن، مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىمىز. ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سىر دەريا ئوبلاستى بىلەن شىنجاڭنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش، خىمىيە سانائىتى كەسپى، سۇ تېجەپ سۇغىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى جاينىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئۆزبېكىستان - جۇڭگو يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.