ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى خەۋپسىزلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2026-04-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى خەۋپسىزلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

چېن مىڭگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى پائالىيىتىنى تەشكىللەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي،ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: 11 - قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك خەۋپسىزلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن مىڭگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى پائالىيىتىنى تەشكىللەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە نۇقتىلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ئۆتتى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت ئېغىر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە مۇھىملىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، سىستېمىلىق قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىش كېرەك. سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىجراسى كۈچلۈك بولغان ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى نۇقتىلىق ساھەلىرى ۋە مۇھىم مەخسۇس تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ياخشى ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى ياخشى تۈگىتىپ، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، خىزمەتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە، بايلىق قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسى، كادىرلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسى ۋە جەمئىيەت تەشۋىق - تەربىيەسى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، پائالىيەت ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭى ۋە ساپاسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەيدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ تاۋلاپ چىقىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن ياخشى خەۋپسىزلىك مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

قادېن كەبىن، ۋاڭ گاڭ، پەن شى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.